UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتسايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى

سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى سايلىغان چاغدا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش، ئالدامچىلىق قىلىش، پارىخورلۇق قىلىش، سايلام ھۆججەتلىرىنى ياسىۋېلىش، سايلام ئاۋاز سانىنى يالغان مەلۇم قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان ياكى سايلىغۇچىلارنىڭ ھەم ۋەكىللەرنىڭ سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىنى ئەركىن يۈرگۈزۈشىگە دەخلى يەتكۈزگەن ئېغىر قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - پۇقرالارنىڭ سايلاش ھوقۇقى ۋە دۆلەتنىڭ سايلام تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە سايلام قانۇنىدىك بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبېيكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 256 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى سايلىغان چاغدا، زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش، ئالدامچىلىق قىلىش، پارىخورلۇق قىلىش، سايلام ھۆججەتلىرىنى ياسىۋېلىش، سايلام ئاۋاز سانىنى يالغان مەلۇم قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار ياكى سايلىغۇچىلارنىڭ ھەم ۋەكىللەرنىڭ سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىنى ئەركىن يۈرگۈزۈشىگە دەخلى يەتكۈزگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى يكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاستە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى) (1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى) دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا دېلو ئېچىش كېرەك: 1) زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش، ئالدامچىلىق قىلىش، پارىخورلۇق قىلىشقا ئوخشاش ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، سايلىغۇچىلارنىڭ ۋە ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىنى ئەركىن يۈرگۈزۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، سايلامنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلماسلىقىغا ياكى سايلام نەتىجىسىنىڭ راست بولماسلىقىغا سەۋەبچى بولسا؛ 2) سايلام ئورنى ياكى سايلام ئۈسكۈنىلىرىگە زورلۇق بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، سايلامنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلماسلىقىغا سەۋەبچى بولسا؛ 3) سايلام ھۆججىتى ياساپ، سايلام ئاۋاز سانىنى يالغان مەلۇم قىلىپ، سايلام نەتىجىسىنىڭ راست بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى قانۇنلۇق سايلامنى كۈچكە ئىگە ئەمەس، قانۇنسىز سايلامنى كۈچكە ئىگە دەپ مەجبۇرىي ئېلان قىلغان بولسا؛ 4) ئادەم توپلاپ سايلام ئورنىغا بېسىپ كىرىپ ياكى سايلام ئورنىنىڭ تەرتىپىنى قەستەن قالايمىقانلاشتۇرغانلىقتىن سايلام ئېلىپ بارغىلى بولمىسا. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاستە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى) 1. چوڭ دېلو (1) يېزا - بازار دەرىجىلىك سايلامنىڭ ئېلىپ بېرىلماي قېلىشىغا ياكى سايلامنىڭ ئىناۋەتسىز بولۇشىغا سەۋەبچى بولسا؛ (2) سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ناھىيە دەرىجىلىك رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ياكى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان بولسا؛ 2. پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو (1) ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سايلامنىڭ ئېلىپ بېرىلماي قېلىشىغا ياكى سايلامنىڭ ئىناۋەتسىز بولۇشىغا سەۋەبچى بولسا؛ (2) سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ياكى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان بولسا.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki