UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتتوپىلاڭ كۆتۈرۈپ تۈرمىدىن قېچىش جىنايىتى

توپىلاڭ كۆتۈرۈپ تۈرمىدىن قېچىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - نۇرغۇن جىنايەتچىلەرنى توپلاپ، زورلۇق ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ تۈرمىدىن قېچىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەت ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ نورمال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەرتىپى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچىلار زورلۇق ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ تۈرمىدىن قېچىش قىلمىشىنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - قاماقتىكى جىنايەتچىلەر بولىدۇ. ئەگەر تۈرمىنىڭ سىرتىدىكىلەر بىلەن تۈرمىدىكىلەر بىرلىشىپ بۇ جىنايەتنى ئۆتكۈزسە، تۈرمە سىرتىدىكىلەرمۇ بۇ جىنايەتنىڭ سۇبيېكتى بولالايدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە بىۋاستە قەستەنلىكتىن بولىدۇ. ۋاسىتىلىك قەستەنلىك ۋە سەۋەنلىكتىن بۇ جىنايەت شەكىللەنمەيدۇ. 317 - ماددا 2 - تارماق توپىلاڭ كۆتۈرۈپ تۈرمىدىن قاچقان ياكى تۈرمىدىكى جىنايەتچىلەرنى توپلىشىپ، تاياق - توقماق كۆتۈرۈپ بۇلىغانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا ۋە ئۇنىڭغا ئاكتىپ قاتناشقانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، باشقا قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
توپىلاڭ كۆتۈرۈپ تۈرمىدىن قېچىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki