ئالدامچىلىق جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە پاكىت ئويدۇرۇپ ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ، جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ كۆپرەك مىقدردىكى پۇل - ماللىرىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - ماللىرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى پاكىت ئويدۇرۇپ ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ، جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى پۇل - ماللىرىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولۇپ، 61 ياشقا توشقان، جىنايى جاۋابكارلىق ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بۇ جىنايەتنىڭ سۇبيېكتى بولالايدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ، يەنى جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - ماللىرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ.
266 - ماددا جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - ماللىرىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلاردىن، مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ. قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ، مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. مۇشۇ قانۇند ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
210 - ماددا 2 - تارماق قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى ياكى ئېكسپورت باج قايتۇرمىسىنى ۋە توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان باشقا تالونلارنى ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى بىلەن ئېلىۋالغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 266 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
269 - ماددا ئوغرىلىق، ئالدامچىلىق، تارتىۋېلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەردىن ھارام مالنى يوشۇرۇش، تۇتۇشقا قارشىلىق كۆرسىتىش ياكى جىنايەت پاكىتلىرىنى يوقىتىۋېتىش ئۈچۈن نەق مەيداندا زورلۇق ئىشلەتكەن ياكى زورلۇق بىلەن تەھدىت سالغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 263 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
300 - ماددا 3 - تارماق خۇيداۋمېن تەشكىلاتى ۋە بىدئەتچى دىنىي تەشكىلات ئۇيۇشتۇرۇپ ياكى خۇراپاتلىقتىن پايدىلىنىپ ئاياللارنىڭ ئىپپەت - نومۇسىغا تەگكەن، پۇل - مالنى ئالداپ ئېلىۋالغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 236 -، 266 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكتىپ جازا بېرىلىدۇ.
287 - ماددا كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقى، ھۆكۈمەت پۇلىنى ئوغرىلاش، خىيانەت قىلىش، ئىشلىتىۋېلىش، دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىنى ئوغرىلاش جىنايىتى ياكى باشقا جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدامچىلىق دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا دائىر بىر نەچچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھات
(1996 - يىل 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى)
ئالدامچىلىق جىنايى ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلارنى قانۇن بويىچە جازالاش ئۈچۈن، <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى> (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ <جىنايى ئىشلار قانۇنى> دېيىلىدۇ) ۋە <مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پۇل مۇئامىلە تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان جىنايەتچىلەرنى جازالاش توغرىسىدىكى قارارى> (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ <قارار> دېيىلىدۇ) نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئالدامچىلىق دېلولىرىنى سوت قىلىشتىكى بىر نەچچە كونكرېت مەسىلە ھەققىدە تۆۋەندىكىچە ئىزاھات بېرىمىز:
1. <جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 151 - ماددىسى ۋە 152 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، ئومۇمنىڭ ۋە شەخسنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى پۇل - مېلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان بولسا، ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.
ھۆكۈمەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ ئىككى مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل - مېلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان بولسا، <سوممىسى كۆپرەك> ھېسابلىنىدۇ؛ ھۆكۈمەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل - مېلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان بولسا، <سوممىسى ناھايىتى كۆپ> ھېسابلىنىدۇ.
ھۆكۈمەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل - مېلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان بولسا، ئالدامچىلىق سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ ھېسابلىنىدۇ. ئالدامچىلىق سوممىسىنىڭ پەۋقۇلئادددە كۆپ بولۇشى ئالدامچىلىق جىنايىتىدىكى <قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر> بولۇشنى بېكىتىشنىڭ مۇھىم مەزمونى: ئەمما بۇ بىردىنبىر قىلمىش ھېسابلانمايدۇ. ئالدامچىلىق سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، يەنە كېلىپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولسا، <قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر> دەپ بېكىتىش كېرەك:
(1) ئالدامچىلىق گۇرۇھىدىكى باش ئۇنسۇرلار ياكى بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈگەن ئالدامچىلىق جىنايىتىدىكى قىلمىشى ئېغىر بولغان ئاساسىي جىنايەتچىلەر؛
(2) ئادەتلەنگەن جىنايەتچىلەر ياكى ئېقىپ يۈرۈپ دېلو سادىر قىلغانلاردىن خەۋپى ئېغىر بولغانلار؛
(3) قانۇنى ئىگىلەر، باشقا تەشكىلاتلر ياكى شەخسلەرنىڭ جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، ئىشلەپچىقىرىشقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەنلەر ياكى باشقا ئېغىر زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛
(4) ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، خەۋپتىن ساقلىنىش، كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، نامراتلارنى يۆلەش، قۇتقۇزۇش، داۋالاش پۇلىنى ۋە بۇيۇملىرىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛
(5) ئالداپ ئېلىۋالغان پۇل - مالنى بۇزۇپ چېچىپ تۈگىتىۋېتىپ، ئۇنى قايتۇرالمىغانلار؛
(6) ئالداپ ئېلىۋالغان پۇل - مالنى ئىشلىتىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغانلار؛
(7) ئالدامچىلىق قىلغانلىقتىن جىنايى جاز بېرىلگەنلەر؛
(8) زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۆلۈشى، نېرۋىسىدىن ئادىشىشى ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛
(9) باشقا ئېغىر قىلمىشى بارلار.
ئورۇننىڭ بىۋاستە مەسئۇل باشقۇرغۇچى خادىملىرى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلار شۇ ئورۇننىڭ نامىدا ئالدامچىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان، ئالدامچىلىق قىلىپ ئېرىشكەن تاپاۋىتى ئورۇننىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ، سومما مىقدارى 50 - 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولسا، <جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 151 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن يۇقىرىقى خادىملارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ سومما مىقدارى 200 مىڭ يۈەن - 300 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولسا، <جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 152 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، يۇقىرىقى خادىملارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن ئالدامچىلىق جىنايىتىدە، قىلمىش سادىر قىلغۇچى قاتناشقان بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن ئالدامچىلىق جىنايىتىنىڭ سومما مىقدارىنى قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ جىنايەت سوممىسى دەپ بېكىتىش ھەمدە بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈگەن جىنايەتتىكى ئورنى، رولى ۋە قانۇنسىز ئېرىشكەن سوممىنىڭ مىقدارى قاتارلىق تەرەپلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە جازا بېرىش كېرەك.
قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئالدامچىلىق قىلمىشى ئېلىپ بېرىشقا كىرىشكەن بولسىمۇ، ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا پۇل - مالغا ئېرىشەلمىگەن بولسا مەقسىتى ئىشقا ئاشمىغان ئالدامچىلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەقسىتى ئىشقا ئاشمىغان ئالدامچىلىقتا، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغىمۇ جىنايەت بېكىتىش ھەمدە قانۇن بويىچە جازا بېرىش كېرەك. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۆز رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھەمدە جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ <2000 يۈەندىن 4000 يۈەنگىچە>، <30 مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈەنگىچە> بولغان دائىرە ئىچىدە، ئۆز رايونىدا ئىجرا قىلىنىدىغان شەخسلەر ئالدامچىلىق قىلىشتىكى <سوممىسى كۆپرەك>، <سوممىسى ناھايىتى كۆپ> بولۇشنى بېكىتىشى، شۇنداقلا ئورۇن ئالدامچىلىق قىلغان بولسا، مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈپ، مۇشۇ ماددىنىڭ 4 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن سومما مىقدارىغا ئاساسەن، <جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 151 - ماددىسى ياكى 152 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن كونكرېت مىقدارى ئۆلچىمىنى تەتبىقلاشنى بېكىتىشى ھەمدە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
2. <جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 151 - ماددىسى ۋە 152 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، ئىقتىسادىي توختامدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ پۇل - مېلىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلاردىن سومما مىقدارى كۆپرەك بولغانلار ئالدامچىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
ئىقتىسادىي توختامدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلغان بولسا، ئالدامچىلىق سوممىسىنىڭ مىقدارىنى قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئەمەلىي ئالداپ ئېلىۋالغان سومما مىقدارىغا قاراپ بېكىتىش كېرەك، توختام نىشانىسىنىڭ سومما مىقدارى جازا ئۆلچەش تەرىپى قىلىنسا بولىدۇ.
قىلمىش سادىر قىلغۇچىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولسا، ئۇنىڭ قىلمىشىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، ئىقتىسادىي توختامدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلغان دەپ بېكىتىش كېرەك:
1 توختامنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى يوقلۇقى ياكى ئۈنۈملۈك كېپىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، تۆۋەندىكى ئالدامچىلىق ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ باشقىلار توختام تۈزۈپ، ئالداپ ئېلىۋالغان پۇل - مالنىڭ سومما مىقدارى كۆپرەك بولسا ھەمدە كۆپرە زىيان پەيدا قىلغان بولسا؛
( يالغان سۇبيېكت كۆرسەتكەن بولسا؛
)2( باشقىلارنىڭ نامىنى سۈيىئىستېمال قىلغان بولسا؛
)3( يالغاندىن ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان ياكى كۈچكە ئىگە ئەمەس تالون، تونۇشتۇرۇش خېتى، نامغا ياكى باشقا دەلىل - ئىسپات ھۆججەتلىرىنى ئىشلەتكەن بولسا؛
)4( ھەقىقى ئەھۋانى يوشۇرۇپ، نەقلەشتۈرگىلى بولمايدىغان چەك - ھۆججەت ياكى باشقا نەق چوت قىلىش دوكۇمېنتى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ ئۇنى توختامنى ئادا قىلىشقا كېپىللىك بېرىشكە ئىشلەتكەن بولسا؛
)5( ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ، كېپىللىك بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان رەنىگە قويۇلغان مال - ھەقدارلىق ھۆججىتى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى توختامنى ئادا قىلىشقا كېپىللىك بېرىشكە ئىشلەتكەن بولسا؛
)6( باشقا ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، قارشى تەرەپتىن پۇل - مال ئېلىۋالغان بولسا.
2) توختام تۈزۈشكەندىن كېيىن، دەۋالاشقۇچى قارشى تەرەپ تاپشۇرغان مال، مال پۇلى، ئالدىن تاپشۇرغان پۇل ياكى زاكالەت پۇلى، كېپىللىك پۇلى قاتارلىق توختامنى ئادا قىلىشقا كېپىللىك بېرىلگەن پۇل - مالنى ئېلىپ قېچىپ كەتكەن بولسا؛
3( دەۋالاشقۇچى قارشى تەرەپ تاپشۇرغان مال، مال پۇلى، ئالدىن تاپشۇرغان پۇل ياكى زاكالەت پۇلى، كېپىللىك پۇلى قاتارلىق توختامنى ئادا قىلىشقا كېپىللىك بېرىلگەن پۇل - مالنى بۇزۇپ - چېچىپ تۈگىتىپ، ئۇنى قايتۇرالمىغان بولسا؛
4) دەۋالاشقۇچى قارشى تەرەپ تاپشۇرغان مال، مال پۇلى، ئالدىن تاپشۇرغان پۇل ياكى زاكالەت پۇلى، كېپىللىك پۇلى قاتارلىق توختامنى ئادا قىلىشقا كېپىللىك بېرىلگەن پۇل - مالنى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا ئىشلىتىپ، ئۇنى قايتۇرالمىغان بولسا؛
5( توختامدىكى مال، مال پۇلى، ئالدىن تاپشۇرغان پۇل ياكى زاكالەت پۇلى، كېپىللىك پۇلى قاتارلىق توختامنى ئادا قىلىشقا كېپىللىك بېرىلگەن پۇل - مالنى يوشۇرۇپ قويۇپ، قايتۇرۇشنى رەت قىلغان بولسا؛
6) توختام تۈزۈشكەندىن كېيىن، قىسمەن مال پۇلىنى چىقىم قىلىپ، توختامنى ئادا قىلىشقا باشلىغانلىقىنى يەمچۈك قىلىپ، بارلىق پۇل - مالنى ئالداپ ئېلىۋالغاندىن كېيىن، توختامدا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ياكى ئىككى تەرەپ باشقىدىن پۈتۈشكەن پۇل تۆلەش سۈرۈشكى ئىچىدە، قېپقالغان مال پۇلىنى ئورۇنسىز سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ تۆلىمىگەن بولسا.
3. <قارار> نىڭ 8 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، ئالدامچىلىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ قانۇنسىز مەبلەغ توپلىغان بولسا، ئالدامچىلىق قىلىپ مەبلەغ توپلاش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.
<ئالدامچىلىق ئۇسۇلى> دەپ، قىلمىش سادىر قىلغۇچى يالغاندىن مەبلەغ توپلاش يولىدىن پايدىلىنىپ، يالغان ئىسپات ھۆججىتى ۋە كۆپ پايدا بېرىشنى يەمچۈك قىلىپ، توپلانغان مەبلەغنى ئالداپ ئېلىۋېلىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ.
<قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش> دەپ، قانۇنىي ئىگە، باشقا تەشكىلات ياكى شەخسلەر ھوقۇقلۇق ئورگانغا تەستىقلاتماي، جامائەتچىلىكتىن مەبلەغ توپلاش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
قىلمىش سادىر قىلغۇچىلاردىن <قارار> نىڭ 8 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قىلىشتا بولۇپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرىنى سادىر قىلغانلارنىڭ قىلمىشىنى <قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، ئالدامچىلىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش> قىلمىشى دەپ بېكىتىش كېرەك:
(1) توپلانغان مەبلەغنى ئېلىپ قېچىپ كەتكەن بولسا؛
(2) توپلانغان مەبلەغنى بۇزۇپ - چېچىپ تۈگىتىۋەتكەنلىكتىن، قايتۇرالمىغان بولسا؛
(3) توپلانغان مەبلەغنى قانۇنسىز جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىشلەتكەنلىكتىن، قايتۇرالمىغان بولسا؛
(4) باشقا ئالدامچىلىق ھەرىكەتلىرىدە بولۇپ، توپلانغان مەبلەغنى قايتۇرۇشنى رەت قىلغان ياكى قايتۇرالمىغان بولسا.
شەخسلەرنىڭ ئالدامچىلىق يولى بىلەن توپلانغان مەبلىغىنىڭ مىقدارى 200 مىڭ يۈەندىن كۆپ بولسا، <سوممىسى ناھايىتى كۆپ> ھېسابلىنىدۇ؛ شەخسلەرنىڭ ئالدامچىلىق يولى بىلەن توپلانغان مەبلىغىنىڭ مىقدارى بىر مىليون يۈەندىن كۆپ بولسا، <سوممىسى غايەت كۆپ> ھېسابلىنىدۇ.
ئورۇنلارنىڭ ئالدامچىلىق يولى بىلەن توپلانغان مەبلىغىنىڭ مىقدارى 500 مىڭ يۈەندىن كۆپ بولسا، <سوممىسى ناھايىتى كۆپ> ھېسابلىنىدۇ؛ ئورۇنلارنىڭ ئالدامچىلىق يولى بىلەن توپلىغان مەبلىغىنىڭ مىقدارى ئىككى مىليون 500 مىڭ يۈەندىن كۆپ بولسا، <سوممىسى غايەت زور كۆپ> ھېسابلىنىدۇ.
4. <قارار> نىڭ 4 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن ئالداپ ئېلىۋالغان پۇلنىڭ مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولسا، قەرز پۇل ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.
<قارار> نىڭ 10 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن <باشقا ئېغىر قىلمىش> دەپ:
(1) قەرز پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش مەقسىتىدە، بانكا ياكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىغا پارە بەرگەن سوممىسى كۆپرەك بولۇش؛
(2) قەرز پۇلىنى ئېلىپ قېچىپ كېتىش؛
(3) قەرز پۇلنى جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىشلىتىشنى كۆرسىتىدۇ.
شەخسلەرنىڭ ئالدامچىلىق يولى بىلەن ئالغان قەرز پۇلىنىڭ مىقدارى 10 مىڭ يۈەندىن كۆپ بولسا، <سوممىسى كۆپرەك> ھېسابلىنىدۇ؛ شەخسلەرنىڭ ئالدامچىلىق يولى بىلەن ئالغان قەرز پۇلىنىڭ مىقدارى 50 مىڭ يۈەندىن كۆپ بولسا <سوممىسى كۆپ> ھېسابلىنىدۇ؛ شەخسلەرنىڭ ئالدامچىلىق يولى بىلەن ئالغان قەرز پۇلىنىڭ مىقدارى 200 مىڭ يۈەندىن كۆپ بولسا <سوممىسى غايەت كۆپ> ھېسابلىنىدۇ.
5. <قارار> نىڭ 12 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، پۇل مۇئامىلە چەك - ھۆججەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلاردىن سوممىسى كۆپرەك بولغانلار چەك - ھۆججەت ئالدامچىلىقى جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
شەخسلەرنىڭ چەك - ھۆججەت ئالدامچىلىق سوممىسى 5000 مىڭ يۈەندىن كۆپ بولسا <سوممىسى كۆپرەك> ھېسابلىنىدۇ؛ شەخسلەرنىڭ چەك - ھۆججەت ئالدامچىلىقى سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن كۆپ بولسا <سوممىسى كۆپ> ھېسابلىنىدۇ؛ شەخسلەرنىڭ چەك - ھۆججەت ئالدامچىلىقى سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن كۆپ بولسا <سوممىسى غايەت كۆپ> ھېسابلىنىدۇ.
ھاۋالە بويىچە پۇل تاپشۇرۋېلىش دوكۇمېنتى، پېرېۋوت پۇل دوكۇمېنتى، بانكا ھېسابات تالونىنى ياساپ، ئۆزگەرتىپ ئالدامچىلىق قىلغانلاردىن سوممىسى كۆپرەك بولغانلارغا، چەك - ھۆججەت ئالدامچىلىقى جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
6. <قارار> نىڭ 13 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، كرېدىت گۇۋاھنامىسىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغانلار كرېدىت گۇۋاھنامىسى ئالدامچىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
شەخسلەرنىڭ كرېدىت گۇۋاھنامىسى ئالدامچىلىق سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن كۆپ بولسا <سوممىسى ناھايىتى كۆپ> ھېسابلىنىدۇ؛ شەخسلەرنىڭ كرېدىت گۇۋاھنامىسى ئالدامچىلىق سوممىسى 500 مىڭ يۈەندىن كۆپ بولسا <سوممىسى غايەت كۆپ> ھېسابلىنىدۇ. ئورۇنلارنىڭ كرېدىت گۇۋاھنامىسى ئالدامچىلىق سوممىسى 500 مىڭ يۈەندىن كۆپ بولسا <سوممىسى كۆپ> ھېسابلىنىدۇ؛ ئورۇنلارنىڭ كرېدىت گۇۋاھنامىسى ئالدامچىلىق سوممىسى ئىككى مىليون 500 مىڭ يۈەندىن كۆپ بولسا <سوممىسى غايەت كۆپ> ھېسابلىنىدۇ.
7. <قارار> نىڭ 14 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، كرېدىت كاتۇچكىسىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلاردىن ئالدامچىلىق سوممىسى كۆپرەك بولغانلار كرېدىت كارتۇچكىسى جىنايىتى شەكىللەندۈرىدۇ.
قىلمىش سادىر قىلغۇچى <قارار> نىڭ 14 - ماددىسىنىڭ 1 -، 2 -، 3 - تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن قىلمىشنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئالدامچىلىق سوممىسى 5000 يۈەندىن كۆپ بولسا <سوممىسى كۆپرەك> ھېسابلىنىدۇ؛ ئالدامچىلىق سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن كۆپ بولسا <سوممىسى كۆپ> ھېسابلىنىدۇ؛ ئالدامچىلىق سوممىسى 200 مىڭ يۈەندىن كۆپ بولسا <سوممىسى غايەت كۆپ> ھېسابلىنىدۇ.
<يامان غەرەز بىلەن ئارتۇق چىقىم قىلىش> دەپ، كارتۇچكا ئىشلەتكۈچى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە ياكى قايتۇرۇش، تۆلەش ئىقتىدارى يوقلۇقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، كارتۇچكىدا يول قويۇلغان ئارتۇق چىقىم قىلىش مىقدارىدىن ئاشۇرۇپ چىقىم قىلىپ، سۈرۈشتۈ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ياكى كارتۇچكا تارقاتقان بانكىنىڭ قايتۇرۇۋېلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە يەنىلا قايتۇرۇپ بەرمەسلىك قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. يامان غەرەز بىلەن 5000 يۈەندىن ئارتۇق چىقىم قىلغان بولسا <سوممىسى كۆپرەك> ھېسابلىنىدۇ؛ يامان غەرەز بىلەن 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق چىقىم قىلغان بولسا، <سوممىسى كۆپ> ھېسابلىنىدۇ؛ يامان غەرەز بىلەن 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق چىقىم قىلغان بولسا، <سوممىسى غايەت كۆپ> ھېسابلىنىدۇ. كارتۇچكا ئىشلەتكۈچى كېپىلىك پۇلى تاپشۇرغان بولسا، يامان غەرەز بىلەن ئارتۇق چىقىم قىلغان پۇلنىڭ مىقدارى كېپىللىك پۇلىدىن ئېشىپ كەتكەن مىقدارى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
8. <قارار> نىڭ 16 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلاردىن سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرى سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى جىنايىتى شەكىللەندۈرىدۇ.
شەخسلەرنىڭ سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن كۆپ بولسا <سوممىسى كۆپرەك> ھېسابلىنىدۇ؛ شەخسلەرنىڭ سۇغۇرتا ئالدامچىلىق سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن كۆپ بولسا <سوممىسى كۆپ> ھېسابلىنىدۇ؛ شەخسلەرنىڭ سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى سوممىسى 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولسا <سوممىسى غايەت كۆپ> ھېسابلىنىدۇ.
ئورۇنلارنىڭ سوغۇرتا ئالدامچىلىقى سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن كۆپ بولسا <سوممىسى كۆپرەك> ھېسابلىنىدۇ؛ ئورۇنلارنىڭ سۇغۇرتا سوممىسى 250 مىڭ يۈەندىن كۆپ بولسا <سوممىسى كۆپ> ھېسابلىنىدۇ؛ ئورۇنلارنىڭ سۇغۇرتا ئالدامچىلىق سوممىسى بىر مىليون يۈەندىن كۆپ بولسا <سوممىسى غايەت كۆپ> ھېسابلىنىدۇ.
9. كۆپ قېتىم ئالدامچىلىق قىلغان ھەمدە كېيىنكى قېتىملىق ئالدامچىلىقتىن ئېرىشكەن پۇل - مال بىلەن ئالدىنقى قېتىملىق ئالدامچىلىقتىكى پۇل - مالنى قايتۇرغان بولسا، ئالدامچىلىق سوممىسى ھېسابلىغاندا دېلو پاش بولۇشتىن ئىلگىرى قايتۇرغان مىقدارىنى چىقىرىۋېتىپ، ئەمەلىي قايتۇرمىغان مىقدار بويىچە بېكىتىش كېرەك، جاز ئۆلچىگەندە كۆپ قېتىملىق ئالدامچىلىق سوممىسى ئېغىر جازالاش تەرىپى قىلىنسا بولىدۇ.
10. قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئالدامچىلىق جىنايى ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان، دېلو پاش بولغاندىن كېيىن دېلودىكى پۇل - مال ۋە ئۇنىڭ ئۆسۈمى تۇتۇپ قېلىنغان، توڭلىتىپ قويۇلغان بولسا، ئەگەر ھوقۇق تەۋەلىكى ئېنىق بولغانلىرىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك؛ ئەگەر ھوقۇق دائىرىسى ئېنىق بولمىسا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئالدانغان پۇل - مېلى دېلودىكى تۇتۇپ قېلىنغان، توڭلىتىپ قويۇلغان پۇل - مال ۋە ئۇنىڭ ئۆسۈمى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا نىسبەت بويىچە قايتۇرۇپ بېرىلسە بولىدۇ؛ ئەگەر دېلودىكى تۇتۇپ قېلىنغان، توڭلىتىپ قويۇلغان پۇل - مال ۋە ئۇنىڭ ئۆسۈمى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلانرىڭ ئىگىدارلىقىدا ئەمەسلىكى بېكىتىلگەن بولسىمۇ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانمىغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا قايتۇرۇشقا ئامال بولمىسا، قانۇن بويىچە دۆلەت غەزىنىسىگە تاپشۇرۇش كېرەك.
11. قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئالدامچىلىقتىن ئېرىشكەن پۇل - مالنى شەخسىي قەرزىنى، مال پۇلىنى قايتۇرۇشقا ياكى باشقا ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرگە ئىشلەتكەن بولۇپ، ئەگەر قارشى تەرەپ ئالدامچىلىقتىن كەلگەن پۇل - مال ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ ئالغان بولسا، يامان غەرەز بىلەن ئېرىشكەن دەپ قاراپ، بىردەك قايتۇرغۇزۇش كېرەك؛ ھەقىقەتەن توغرا نىيەتتە ئېرىشكەن بولسا، قايتۇرۇۋېلىنمايدۇ.
12. بۇ ئىزاھاتتا ئىشلىتىلگەن پۇل مىقدارى دەپ، خەلق پۇلى مىقدارىنى كۆرسىتىدۇ. كونكرېت دېلونى سوت قىلغاندا، چەت ئەل پۇلىغا چېتىلىدىغانلىرىنى دېلو پاش بولغان شۇ كۈنى دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى ئېلان قىلغان تاشقى پېرېۋوتنىڭ تاختاي باھاسى بويىچە خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلاش كېرەك.
13. بۇ ئىزاھاتتا ئېيتىلغان <دىن يۇقىرى> شۇ ساننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
14. بۇ ئىزاھات ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقە تورى خەۋپسىزلىكىنى ساقلاش توغرىسىدىكى قارارى
(2000 - يىل 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى)
4. شەخسلەر، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ جىسمانىي، مال - مۈلۈك قاتارلىق جەھەتلەردىكى قانۇنىي ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:
(3) ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ ئوغرىلىق، ئالدامچىلىق ۋە قاقتى - سوقتى قىلغانلار.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بىدئەتچىلەر تەشكىلاتىنى تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ سادىر قىلغان جىنايەت دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، قانۇنلارنى كونكرېت تەتبىقلاشقا دائىر بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(1999 - يىل 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى)
6 - ماددا بىدئەتچىلەر تەشكىلاتىنى تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ھەر خىل ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرى بىلەن باشقىلارنىڭ پۇل - مېلىنى ئېلىۋالغانلارغا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 266 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىەە بىنائەن ئالدامچىلىق جىنايىتى بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
8 - ماددا بىدئەتچىلەر تەشكىلاتىنى تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، دۆلەت قانۇنىنىڭ بىر تۇتاش يولغا قويۇلىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان جىنايەتچىلەرنىڭ ھەرخىل ۋەسىتىلەر ئارقىلىق قانۇنسىز ئىگە بولغان پۇل - مېلىنى، جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە ئىشلەتكەن قورال، تەشۋىقات بۇيۇمى قاتارلىقلارنى قانۇن بويىچە تاپشۇرتقۇزۇش، مۇسادىرە قىلىش كېرەك.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تېلېگراف بازارلىرىنى باشقۇرۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش دېلوسىنى قاراپ چىقىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشتىكى بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(2000 - يىل 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى)
9 - ماددا يالغان، باشقىلارنىڭ نامىدا ئىشلىتىلگەن كىملىك ئارقىلىق تورغا كىرگۈزۈش رەسمىيىتى ئۆتىگەن ھەمدە كۆچمە تېلېفون ئىشلىتىپ پەيدا قىلغان تېلېگراف ھەققى زىيىنى سوممىسى كۆپرەك بولغانلارغا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 266 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئالدامچىلىق جىنايىتى قاتارىدا جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
10 - ماددا مەزكۇر ئىزاھاتتا ئېيتىلغان <تېلېفون بېرىش كەسپى تىجارىتى سوممىسى> دېگەندە، قىلمىشچىنىڭ خەلقئارا تېلېگراف تىجارىتى كەسپى ياكى شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنگە چېتىلىدىغان تېلېگراف كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان چاغدىكى ئومۇمىي ۋاقىت ئۇزۇنلۇقى (مىنۇت سانى) نىڭ قىلمىشچىنىڭ ھەربىر مىنۇتتا ئالغان ئابونىچىنىڭ ئىشلىتىش ھەققىدىن ئېرىشكەن سوممىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن سوممىسىنى كۆرسىتىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قوراللىق قىسىملارنىڭ ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىنى قانۇنسىز ياساش، ئېلىپ - سېتىشقا ئوخشاش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلغاندا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(2002 - يىل 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى)