تاشلىۋېتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - بېقىش مەجبۇرىيىتى بار تۇرۇقلۇق ياشانغانلارنى، گۆدەك بالىلارنى، كېسەللەرنى ياكى مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى بولمىغان باشقا كىشىلەرنى باقماي تاشلىۋەتكەن قەبىھ قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى بولمىغان ئائىلە ئەزالىرىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بار تۇرۇقلۇق بېقىشتىن باش تارتىپ، بېقىنغۇچىلارنى زور قىيىنچىلىق ئەھۋالىغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ ھاياتى ھەم ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت ۋە زىيان كەلتۈرەەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت (تاشلىۋېتىلگۈچىنى قانۇن بويىچە بېقىش مەجبۇرىيىتى بولغان ھەمدە بېقىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان كىشى) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
261 - ماددا ياشانغانلارنى، گۆدەك بالىلارنى، كېسەللەرنى ياكى مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى بولمىغان باشقا كىشىلەرنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بار تۇرۇپ باقمىغانلاردىن، قىلمىشى قەبىھ بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلارنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش قانۇنى
(1990 - يىل 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى)
52 - ماددا 3 - تارماق مېيىپلارنى خورلىغانلار ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامىنىڭ 22 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ؛ قىلمىشى قەبىھ بولغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 182 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياشانغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى
(1996 - يىل 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى)
47 - ماددا ياشانغانلارنىڭ نىكاھ ئەركىنلىكىگە زورلۇق بىلەن ئارىلىشىۋالغان ياكى ياشانغانلارنى بېقىش ۋە ئۇلارغا يار - يۆلەك بولۇش مەجبۇرىيىتى بار تۇرۇقلۇق بېقىش، يار - يۆلەك بولۇشنى رەت قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى
(1991 - يىل 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى)
52 - ماددا 4 - تارماق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بولسىمۇ، ئۇلارنى بېقىشنى رەت قىلغانلاردىن قىلمىشى قەبىھ بولغانلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 183 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېقىۋېلىش قانۇنى
(1991 - يىل 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى)
30 - ماددا 2 - تارماق، 3 - تارماق بوۋاقلارنى تاشلىۋەتكەنلەرگە جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى جەرىمانە قويىدۇ. قىلمىشى قەبىھ بولۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
پەرزەنتلەرنى ساتقانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 2 - تارمىقى بويىچە جازا بېرىلىدۇ.