دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - پىنتە - ئىغۋا ئويدۇرۇپ چىقىش، تۆھمەت قىلىش ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق دۆلەت ھاكىمىيىتىنى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتىپ جەھەتتە پىتنە - ئىغۋا ئويدۇرۇپ چىقىش، تۆھمەت قىلىش ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق دۆلەت ھاكىمىيىتىنى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغان قىلمىشلاردا ئىپادىلىنىدۇ.
2. ئوبيېكتى - خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتۇرلۇقىدىكى ھاكىمىيەت ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈم بولىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكتىپ بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
105 - ماددا ئىغۋا توقۇش، تۆھمەت چاپلاش يولى ياكى باشقا يوللار بىلەن دۆلە ھاكىمىيىتىنى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ باش ئۇنسۇرلارغا ياكى جىنايىتى ئېغىرلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
106 - ماددا چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، مۇشۇ بابنىڭ 103 -، 104 -، 105 - ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە شۇ ماددىلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
113 - ماددا مۇشۇ بابتا ئېيتىلغان جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە، مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى قوشۇمچە بېرىلسە بولىدۇ.
56 - ماددا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن جىنايەتچىلەر قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ؛ قەستەن قاتىللىق قىلىش، باسقۇنچىلىق قىلىش، ئوت قويۇش، پارتىلىتىش، زەھەر سېلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىشقا ئوخشاش قىلمىشلىرى بىلەن جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغان جىنايەتچىلەر قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنسا بولىدۇ.
سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسىنى ئايرىم بېجىرىشتە، مۇشۇ قانۇننىڭ خاس پرىنسىپىدىكى بەلگىلىمىلەر ئاساس قىلىنىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى
(1993 - يىل 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى)
25 - ماددا چېگرا سىرتىدا تەھدىتكە ئۇچراش ياكى باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن دۈشمەن تەشكىلاتلىرىغا قاتنىشىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلاردىن ئۆز ۋاقتىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرىغا ئەھۋالنى ئەينەن ئېيتقان ياكى ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن بىۋاستە ياكى ئۆزى تۇرۇشلۇق تەشكىل ئارقىلىق ئۆز ۋاقتىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا ئەھۋالنى ئەينەن مەلۇم قىلغانلار سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇنسىز نەشر بۇيۇمى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا كونكرېت تەتبىقلاشتىكى بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(1998 - يىل 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى)
1 - ماددا نەشر بۇيۇمىد دۆلەتنى پارچىلاش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ياكى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش مەزمونى بارلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى نەشر قىلغان، باسقان، كۆپەيتكەن، تارقاتقانلارغا جىنايى ئىشلر قانۇنىنىڭ 103 - ماددا 2 - تارمىقى ياكى 105 - ماددا 2 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى ياكى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.