UyghurWiki›422 جىنايەت›پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان، توڭلىتىلغان مال - مۈلۈكنى قانۇنسىز بىرتەرەپ قىلىش جىنايىتى
پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان، توڭلىتىلغان مال - مۈلۈكنى قانۇنسىز بىرتەرەپ قىلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ئەدلىيە ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ پېچەتلىگەن، تۇتۇپ قالغان، توڭلىتىۋەتكەن مال - مۈلۈكنى يوشۇرغان، يۆتكىۋەتكەن، سېتىۋەتكەن ۋە قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلغان ئېغىر قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ نورمال پائالىيىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئەدلىيە ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ پېچەتلىگەن، تۇتۇپ قالغان، توڭلىتىۋەتكەن مال - مۈلۈكنى يوشۇرغان، يۆتكىۋەتكەن، سېتىۋەتكەن، بۇزغۇنچىلىق قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتىپ جەھەتتە - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
314 - ماددا ئەدلىيە ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ پېچەتلىگەن، تۇتۇپ قالغان، توڭلىتىۋەتكەن مال - مۈلۈكنى يوشۇرغان، يۆتكىۋەتكەن، سېتىۋەتكەن ۋە قەستەن بۇزغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ.