UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتھەربىي مەخپىيەتلىكنى سەۋەنلىك بىلەن ئاشكارىلاپ قويۇش جىنايىتى

ھەربىي مەخپىيەتلىكنى سەۋەنلىك بىلەن ئاشكارىلاپ قويۇش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ھەربىيلەرنىڭ ھەربىي مەخپىيەتلىكنى سەۋەنلىك بىلەن ئاشكارىلاپ قويغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەت ۋە ھەربىي قىسىمنىڭ ھەربىي مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشقا مۇناسىۋەتلىك تۈزۈمى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ھەربىي قىسىمنىڭ بىخەتەرلىكى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن ھەربىي مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويغان ئېغىر قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ھەربىي ۋەزىپىدىكى خادىملار بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 432 - ماددا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھەربىي مەخپىيەتلىكنى قەستەن ياكى سەۋەنلىك بىلەن ئاشكارىلاپ قويغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئۇرۇش مەزگىلىدە ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت