توپلىشىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - توپلىشىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، خىزمەت، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ئىشلىرىنى ئاقسىتىپ ئېغىر زىيان پەيدا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇن ۋە خەلق تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەت، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ تەرتىپى بولىدۇ.
2. ئوبېيكتىپ جەھەتتە توپلىشىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، خىزمەت، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقاتى ئىشلىرىنى ئاقسىتىپ ئېغىر زىيان پەيدا قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
290 - ماددا 1 - تارماق توپلىشىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، خىزمەت، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقاتى ئىشلىرىنى ئاقسىتىپ، ئېغىر زىيان پەيدا قىلغانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.