خەتەرلىك بۇيۇملارنى قانۇنسىز ياساش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش، ساقلاش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - خەتەرلىك بۇيۇملارنى باشقۇرۇشقا ئائىت قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق، يۇقۇملۇق كېسەللىك يۇقتۇرغۇچى قاتارلىق بۇيۇملارنى قانۇنسىز ياساپ، ئېلىپ - سېتىپ، توشۇپ، پوچتىدىن يوللاپ ۋە ساقلاپ جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جامائەتنىڭ بىخەتەرلىكى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى دۆلەتنىڭ خەتەرلىك بۇيۇملارنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، خەتەرلىك بۇيۇملارنى ياساپ، ئېلىپ - سېتىپ، توشۇپ، ساقلاپ جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (ئادەم ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
125 - ماددا 2 - تارماق، 3 - تارماق زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلارنى، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى قانۇنسىز ياسىغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان، ساقلىغانلاردىن جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلىرىگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا 1 - تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.