سودىدا زورلۇق قىلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - تاۋارلارنى زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىلىرى بىلەن زورلاپ ئېلىپ - ساتقان، باشقىلارنى مۇلازىمەت قىلىشقا ياكى مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىشقا زورلىغان ئېغىر قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - بازار باشقۇرۇش تەرتىپى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە تاۋارلارنى زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىلىرى بىلەن زورلاپ ئېلىپ - ساتقان، باشقىلارنى مۇلازىمەت قىلىشقا ياكى مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىشقا زورلىغان ئېغىر بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىك سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە بىۋاستە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
226 - ماددا تاۋارلارنى زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىلىرى بىلەن زورلاپ ئېلىپ - ساتقان، باشقىلارنى مۇلازىمەت قىلىشقا ايكى مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىشقا زورلىغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.
231 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 221 - ماددىدىن 230 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافتىكى ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.