UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتقورال - جابدۇقنى قانۇنسىز سېتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش جىنايىتى

قورال - جابدۇقنى قانۇنسىز سېتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ھەربىيلەرنىڭ قورال - جابدۇق باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قورال - جابدۇقلارنى قانۇنسىز سېتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبېيكتى - ھەربىي قىسىمنىڭ قورال - جابدۇقلارنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى قورال - جابدۇقلارنى قانۇنسىز سېتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش قىلمىشىنى ئېلىپ بارغان بولىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ھەربىيلەر بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 439 - ماددا ئارمىيىنىڭ قورال - جابدۇقلىرىنى قانۇنسىز ساتقان، ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ زور مىقداردىكى قورال - جابدۇقنى ساتقان، ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەرگە ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت