UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتقىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى چەت ئەللىكلەرگە قانۇنسىز سېتىش، تەقدىم قىلىش جىنايىتى

قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى چەت ئەللىكلەرگە قانۇنسىز سېتىش، تەقدىم قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش توغرىسىدىكى قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ساقلىنىۋاتقان، دۆلەت ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلغان قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى چەت ئەللىكلەرگە ئاستىرتىن ساتقان ياكى ئاستىرتىن تەقدىم قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ساقلىنىۋاتقان، دۆلەت ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلغان قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى چەت ئەللىكلەرگە ئاستىرتىن ساتقان ياكى ئاستىرتىن تەقدىم قىلغان قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت ئورۇن ۋە شەخسلەر بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 325 - ماددا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش توغرىسىدىكى قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ساقلىنىۋاتقان، دۆلەت ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلغان قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى چەت ئەللىكلەرگە ئاستىرتىن ساتقانلار ياكى ئاستىرتىن تەقدىم قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ. ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت