دۆلەت چېگراسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - دۆلەت چېگراسى (چېگرا) نى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت چېگراسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ دۆلەت چېگراسىنى نورمال باشقۇرۇش تەرتىپى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش قىلمىشى بولۇشى ھەمدە قىلمىشى ئېغىر بولۇشى لازىم.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
322 - ماددا دۆلەت چېگراسى (چېگرا) نى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت چېگراسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بىر يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2002 - يىل 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى يولغا قويغان باشقىلارنى دۆلەت چېگرىسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇرغان، توشۇغان قاتارلىق جىنايى ئىشلار دېلولىرىغا قارىتا قانۇننى تەدبىقلاشقا ئالاقىدار ئىزاھاتنىڭ 5 - ماددىسىدىن پايدىلىنىڭ.
جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ دۆلەت چېگراسىنى باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى دېلوسى ئۈستىدە دېلو تۇرغۇزۇش ئۆلچىمى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش
(2000 - يىل 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى)
1. دېلو تۇرغۇزۇش ئۆلچىمى
6) دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش دېلوسى
(1) دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەنلەردىن تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەرنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىقلەش كېرەك:
① دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق ئۆتكەن، قايتا - قايتا تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرتمىگەن بولسا؛
② قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغاندىن كېيىن دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەن بولسا؛
③ دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەندە قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى خادىملارغا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسا؛
④ چەتكە چېتىشلىق زور ۋەقە ۋە يامان تەسىر پەيدا قىلغان بولسا؛
⑤ باشقا ئېغىر قىلمىش بولسا.
(2) دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەنلەردىن تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەرگە زور دېلو قاتارىدا دېلو تۇرغۇزۇش كېرەك:
① جىنايى جازادىن قېچىش ئۈچۈن دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەن بولسا؛
② ئەتكەسچىلىك قىلىش، زەھەر ئېلىپ - سېتىش قاتارلىق جىنايەت ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەن بولسا؛
③ باشقا پەۋقۇلئاددە قىلمىش بولسا.