UyghurWiki›422 جىنايەت›باشقىلارنىڭ شەھۋانىي كىتاب - ژۇرناللارنى نەشر قىلىش ئۈچۈن كىتاب نومۇرى بېرىش جىنايىتى
باشقىلارنىڭ شەھۋانىي كىتاب - ژۇرناللارنى نەشر قىلىش ئۈچۈن كىتاب نومۇرى بېرىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - شەخسلەر ياكى ئورۇنلارنىڭ نەشرىيات ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارغا كىتاب نومۇرى بېرىپ، شەھۋانىي كىتاب - ژۇرناللارنى نەشر قىلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ نەشرىيات ئىشلىرى (كىتاب نومۇرى) باشقۇرۇش پائالىيىتى ۋە جەمئىيەت ئامانلىق تەرتىپ بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەتنىڭ كىتاب نومۇرىنى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارغا كىتاب نومۇرى بېرىپ، شەھۋانىي كىتاب - ژۇرناللارنى نەشر قىلىش قىلمىشىنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار).
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن بولىدۇ، يەنى قىلمىش سادىر قىلغۇچى گەرچە كىتاب نومۇرىنى ئالغۇچىنىڭ شەھۋانىي كىتاب - ژۇرناللارنى نەشر قىلىدىغانلىقىنى بىلمىسىمۇ، لېكىن مۇشۇنداق ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىش مۇمكىنلىكىنى ئالدىن كۆرۈشكە تېگىشلىك بولسىمۇ، ئەمما بىپەرۋالىق قىلىپ ئالدىن كۆرەلمىگەن ياكى ئالدىن كۆرەلىگەن بولسىمۇ ساقلانغىلى بولىدۇ دەپ ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كېتىپ، تەمىنلىگەن كىتاب نومۇرىنىڭ شەھۋانىي كىتاب - ژۇرناللارنى نەشر قىلىشقا ئىشلىتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىدۇ.
363 - ماددا باشقىلارنىڭ شەھۋانىي كىتاب - ژۇرناللارنى نەشر قىلىش ئۈچۈن كىتاب نومۇرى بەرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ باشقىلارنىڭ شەھۋانىي كىتاب - ژۇرنال نەشر قىلىشقا ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، كىتاب نومۇرى بەرگەنلەر ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ.
366 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 363 -، 364 -، 365 - ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا شۇ ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇنسىز نەشر بۇيۇمى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشتىكى بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(1998 - يىل 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى)
9 - ماددا شەھۋانىي كىتاب - ژۇرنال نەشر قىلغۇچىلارنى كىتاب - ژۇرنال نومۇرى بىلەن تەمىن ئەتكەنلەرگە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 363 - ماددىسىنىڭ 2 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، شەھۋانىي كىتاب - ژۇرنال نەشر قىلغۇچىلارنى كىتاب نومۇرى بىلەن تەمىن ئېتىش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازالاش كېرەك.
شەھۋانىي ئۈن - سىن بۇيۇمى نەشر قىلغۇچىلارنى نەشر نومۇرى بىلەن تەمىن ئەتكەنلەرنى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازالاش كېرەك.
باشقىلارنى شەھۋانىي كىتاب - ژۇرنال نەشر قىلىشقا ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، كىتاب - ژۇرنال نومۇرى بىلەن تەمىن ئەتكەنلەرنى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 363 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، شەھۋانىي بۇيۇم نەشر قىلىپ پايدا ئېلىش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازالاش كېرەك.
16 - ماددا نەشرىيات ئورۇنلىرىدىن باشقىلار بىلەن ئالدىن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۇلارغا شۇ نەشرىيات ئورنىنىڭ نامى، كىتاب نومۇرى، ژۇرنال نومۇرى، نەشر نومۇرىنى سېتىپ، ئىجارىگە بېرىپ ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىپ، باشقىلارنىڭ مۇشۇ ئىزاھاتنىڭ 2 -، 4 -، 8 -، 9 -، 10 -، 11 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قىلمىشنى سادىر قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرۈشىگە سەۋەبچى بولغانلارنى ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.