UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتسودا سىرلىرىنى، ئىچكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ قويۇش جىنايىتى

سودا سىرلىرىنى، ئىچكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ قويۇش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ئاكسىيە سودىسىنىڭ ئىچكى ئۇچۇرلىرىنى بىلىدىغانلار ياكى ئاكسىيە سودىسىنىڭ ئىچكى ئۇچۇرلىرىنى قانۇنسىز قولغا چۈشۈرۈۋالغانلار ئاكسىيىنىڭ تارقىتىلىشى ۋە ئېلىپ - سېتىلىشىغا ئالاقىدار بولغان ئۇچۇرلار ياكى ئاكسىيىنىڭ باھاسىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇن، شۇ ئاكسىيىنى سېتىۋېلىش ياكى سېتىش ۋە ياكى شۇ ئۇچۇرنى ئاشكارىلاپ قويۇش ئېغىر قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ئاكسىيە سودىسى، زاكاز مال سودا بازىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى بىۋاستە ياكى ۋاسىتىلىك ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ قولغا چۈشۈرۈۋالغان ياكى باشقىلارنى ئىچكى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ، ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسى ئېلىپ بېرىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزى ياكى باشقىلارنى ئىقتىسادىي زىيانغا ئىگە قىلغان، قىلمىشى ئېغىر بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت، يەنى ئىچكى ئۇچۇرلارنى بىلىدىغانلار ياكى ئىچكى ئۇچۇرلارنى قانۇنسىز قولغا چۈشۈرۈۋالغانلار ۋە ئورۇنلار بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 180 - ماددا ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسىنىڭ ئىكچى ئۇچۇرلىرىنى بىلىدىغانلار ياكى ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسىنىڭ ئىچكى ئۇچۇرلىرىنى قانۇنسىز قولغا چۈشۈرۈۋالغانلاردىن ئاكسىيىنىڭ تارقىلىشى، ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسىغا ئالاقىدار بولغان ئۇچۇرلار ياكى ئاكسىيە، زاكاز مال باھاسىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان باشقا ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇن، شۇ ئاكسىيىنى سېتىۋېلىش ياكى سېتىۋېتىش ياكى شۇ ئۇچۇرغا ئالاقىدار بولغان زاكاز مال سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىش ياكى شۇ ئۇچۇرنى ئاشكارىلاپ قويۇش قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئىچكى ئۇچۇرلارنى بىلىدىغانلارنىڭ دائىرىسى قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) ئاكسىيە، قەرەللىك مال سودىسىنىڭ ئىچكى ئۇچۇرلىرىنى بىلىدىغانلار ياكى ئاكسىيە، قەرەللىك مال سودىسىنىڭ ئىچكى ئۇچۇرلىرىنى قانۇنسىز قولغا چۈشۈرۈۋالغانلار ئاكسىيىنىڭ تارقىتىلىشى ۋە ئاكسىيە، قەرەللىك مالىنىڭ سېتىلىشىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلار ياكى ئاكسىيە، قەرەللىك مالنىڭ باھاسىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان باشقا ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇن، شۇ ئاكسىيىنى سېتىۋېلىپ ياكى سېتىۋېتىپ ياكى شۇ ئىچكى ئۇچۇرغا مۇناسىۋەتلىك قەرەللىك مال سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ ۋە ياكى شۇ ئۇچۇرنى ئاشكارىلاپ قويۇپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: 1) ئاشكارىلاپ قويغان سودا سىرلىرىنىڭ سوممىسى 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولسا؛ 2) كۆپ قېتىم سودا سىرلىرىنى، ئىچكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغان بولسا؛ 3) سودا باھاسىنىڭ ۋە سودا مىقدارىنىڭ بىنورمال بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛ 4) يامان تەسىر پەيدا قىلغان بولسا.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
سودا سىرلىرىنى، ئىچكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ قويۇش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki