ئارمىيىنىڭ ئۆي - زېمىنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن سېتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ھەربىيلەرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئارمىيىنىڭ ئۆي - زېمىنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ساتقان، ئۆتۈنۈپ بەرگەن، قىلمىشى ئېغىر بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ھەربىي قىسىمنىڭ مال - مۈلۈك باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى خىزمىتىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ ياكى ھوقۇقىنى كەلسە - كەلمەس ئىشلىتىپ، ئارمىيىنىڭ ئۆي - زېمىنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ساتقان ياكى ئۆتۈنۈپ بەرگەن، قىلمىشى ئېغىر بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ھەربىي خادىملار بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
442 - ماددا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئارمىيىنىڭ ئۆي - زېمىنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ساتقان، ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغان بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.