ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - شىركەت، كارخانا ياكى باشقا ئورۇنلاردىكى خادىملاردىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ ئۆز ئورنىنىڭ پۇل - ماللىرىنى قانۇنسىز ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان، مىقدارى كۆپرەك بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - شىركەت، كارخانا ياكى باشقا ئورۇنلارنىڭ پۇل - مالغا بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبېيكتىپ جەھەتتە شىركەت، كارخانا ياكى باشقا ئورۇنلاردىكى خادىملاردىن ۋەزىپىسىدكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ ئۆز ئورنىنىڭ پۇل - ماللىرىنى قانۇنسىز ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان، مىقدارى كۆپرەك بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت (شىركەت، كارخانا ۋە باشقا ئورۇنلاردىكى خادىملار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
271 - ماددا شىركەت، كارخانا ياكى باشقا ئورۇنلاردىكى خادىملاردىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ ئۆز ئورنىنىڭ پۇل - ماللىرىنى قانۇنسىز ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلىرىدىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنسا بولىدۇ.
دۆلەت شىركىتى، كارخانىسى ياكى باشقا دۆلەت ئورۇنلىرىدىكى ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خادىملار ۋە دۆلەت شىركىتى، كارخانىسى ياكى باشقا دۆلەت ئورنى دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان شىركەت، كارخانا ۋە باشقا ئورۇنلارغا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەۋەتكەن خادىملاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 382 -، 383 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
183 - ماددا 1 - تارماق سۇغۇرتا شىركىتى خادىملىرىدىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، يۈز بەرمىگەن سۇغۇرتا ھادىسىسىنى قەستەن ئويدۇرۇپ چىقىپ، كۆز بوياپ تۆلەپ، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 271 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، جامائەتنىڭ پۇل - مېلىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش قىلمىشىنىڭ خاراكتېرىنى قانداق بېكىتىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەستىقى
(1999 - يىل 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى)
كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋەزىپىسىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسىنىڭ بىرقەدەر كۆپ مىقداردىكى كوللېكتىپ مال - مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان بولسا، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 271 - ماددا 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ قىلىش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىش لازىم.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى
(1993 - يىل 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى)
214 - ماددا 1 - تارماق مۇدىرىيەت ئەزاسى، نازارەتچى، دىرېكتورلار خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پارا ئالسا ياكى باشقا قانۇنسىز كىرىملەرنى قىلسا ۋە ياكى شىركەتنىڭ مال - مۈلكىنى ئىگىلىۋالسا، ئۇلارنىڭ قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ئۇلار شىركەتنىڭ مال - مۈلكىنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇلىدۇ، شىركەت ئۇلارغا چارە كۆرىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
شىركەت، كارخانا ياكى باشقا ئورۇنلاردىكى خادىملاردىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئورنىنىڭ 5000 يۈەن - 10000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل - مېلىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىيانەت قىلىش، ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش دېلولىرىدىكى ئورتاق جىنايەتچىنى قانداق بېكىتىشتىكى بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(2000 - يىل 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى)
1 - ماددا قىلمىش سادىر قىلغۇچى دۆلەت خادىمى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، دۆلەت خادىمى بولۇشتەك ۋەزىپىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، جامائەتنىڭ پۇل - مېلىنى يۇتۇۋالغان، ئوغرىلىغان، ئالداپ ئېلىۋالغان ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان بولسا خىيانەتچىلىك جىنايىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
2 - ماددا قىلمىش سادىر قىلغۇچى شىركەت، كارخانا ياكى باشقا ئورۇندىكى خادىم بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شىركەت، كارخانا ياكى باشقا ئورۇن خادىمىنىڭ ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ، شۇ ئورۇننىڭ پۇل - مېلىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلاردىن سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرى ۋەزىپىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش جىنايىتىدىكى ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
3 - ماددا شىركەت، كارخانا ياكى باشقا ئورۇنلاردىكى دۆلەت خادىمى سالاھىيىتى بولمىغان خادىملار دۆلەت خادىمى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ھەرقايسىسى ئۆز ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ، شۇ ئورۇننىڭ پۇل - مېلىنى بىرلىكتە قانۇنسىز ئىگىلەپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان بولسا، باش جىنايەتچىنىڭ جىنايەت خاراكتېرى بويىچە جىنايەت بېكىتىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ شىركەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىنغان پارا ئېلىش، ئىگىلىۋېلىش، ئىشلىتىۋېلىش قاتارلىق جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشتىكى قانۇننى تەتبىقلاشقا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(1995 - يىل 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى)
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ شىركەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەتچىلەرنى جازالاش توغرىسىدىكى قارارى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ <قارار> دېيىلىدۇ) نى توغرا تەتبىقلاپ، شىركەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىنغان پارا ئېلىش، ئىگىلىۋېلىش، ئىشلىتىۋېلىش قاتارلىق جىنايى ھەرىكەتلەرنى قانۇن بويىچە جازالاش ئۈچۈن، <قارار> نىڭ 9 -، 10 -، 11 -، 12 -، 14 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن بىرقانچە كونكرېت مەسىلە توغرىسىدىدا تۆۋەندىكىچە ئىزاھات بېرىمىز:
2. <قارار> نىڭ 10 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغان، شىركەت ۋە باشقا كارخانىلارنىڭ مۇدىرلىرى، نازارەتچىلىرى، ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ۋەزىپىسىدىن ياكى خىزمىتىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ ئۆز شىركىتىنىڭ، كارخانىسىنىڭ مال - مۈلكىنى ئىگىلىۋالغان بولسا، سوممىسى بىرقەدەر كۆپ بولغانلىرى ئىگىلىۋېلىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
<قارار> نىڭ 10 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن <ئىگىلىۋېلىش> قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش، ئوغرىلاش، ئالداپ ئېلىۋېلىش ياكى باشقا ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئۆز شىركىتىنىڭ، كارخانىسىنىڭ مال - مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
<قارار> نىڭ 10 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قىلمىشتا بولۇپ، شىركەتنىڭ، كارخانىنىڭ 5000 يۈەندىن 20 مىڭ يۈەنگىچە، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئارتۇق قىممەتتىكى مال - مۈلكىنى ئىگىلىۋالغان بولسا <سوممىسى بىرقەدەر كۆپ> ھېسابلىنىدۇ؛ شىركەتنىڭ، كارخانىنىڭ 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قىممىتىدىكى مال - مۈلكىنى ئىگىلىۋالغان بولسا <سوممىسى كۆپ> ھېسابلىنىدۇ.
6. يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، مۇشۇ ئىزاھاتتا بەلگىلەنگەن پارا ئېلىش، ئىگىلىۋېلىش، ئىشلىتىۋېلىش جىنايىتىنى بېكىتىشنىڭ مىقدارى ۋە دەرىجىسى بويىچە، ئۆز جايىدا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەنگە ئېلىشىغا مەلۇم قىلسا بولىدۇ.
7. <قارار> ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن قىلمىشلاردىن <قارار> ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن يەنە بىر تەرەپ قىلىنمىغان ياكى بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقانلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 9 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن پرىنسىپقا بىنائەن بىر ياقلىق قىلىنىدۇ.