ئاياللارغا زورلۇق ئىشلىتىپ پەسكەشلىك قىلىش، ھاقارەت قىلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى ۋە باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئاياللارنى زورلاپ، ئۇلارغا پەسكەشلىك قىلغان ياكى ھاقارەت قىلغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ئاياللارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى ۋە كىشىلىك قەدىر - قىممىتى ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى ۋە باشقا ۋاسىتىلەر بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى قارشى تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان، قارشى تۇرالمايدىغان ياكى قانداق قارشىلىق كۆرسىتىشنى بىلمىگەن ھالەتكە كەلتۈرۈپ، زورلۇق بىلەن پەسكەشلىك قىلغان ياكى ئۇلارنى ھاقارەت قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا ئوغۇللار بولىدۇ، ئايرىم ئەھۋاللاردا قىز - ئاياللارمۇ بۇ جىنايەتتە ئورتاق جىنايەتچى بولالايدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
237 - ماددا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى ۋە باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئاياللارنى زورلاپ، ئۇلارغا پەسكەشلىك قىلغان ياكى ھاقارەت قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى توپلىشىپ ياكى جامائەت سورۇنلىرىدا ئوچۇق - ئاشكارا ئۆتكۈزۈگەنلەرگە بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
بالىلارغا پەسكەشلىك قىلغانلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېىرىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <نۆۋەتتە لۈكچەكلىك دېلولىرىنى بېجىرىش داۋامىدا، قانۇننى كونكرېت تەتبىق قىلىشقا دائىر بىرقانچە مەسىلىگە بېرىلگەن جاۋاب>
(1984 - يىل 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى)
(84) س ت 13 - نومۇرلۇق
بىرىنچى، لۈكچەكلىك جىنايىتى قانداق بېكىتىلىدۇ؟
جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 160 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، لۈكچەكلىك جىنايىتى دېگەندە توپلىشىپ ئۇرۇشۇش، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش، ئاياللارنى ھاقارەتلەش ياكى باشقا لۈكچەكلىك ھەرىكەتلىرىدە بولۇش بىلەن جامائەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك قەبىھ قىلمىشلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. <مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن جىنايەتلەرنى قاتتىق جازالاش توغرىسىدىكى قارارى> 1 - ماددىسىنىڭ 1 - تارماقچىسىدىكى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 160 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن لۈكچەكلىك جىنايىتى ئىچىدىكى ئېغىر جىنايەتچىلەرنى ئېغىرلىتىپ جازالاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە.
جىنايى ئىشلار قانۇنىدا، لۈكچەكلىك جىنايىتى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتىگە كىرگۈزۈلگەن، لۈكچەكلىك جىنايىتى دائىم پۇقرالارنىڭ جىسمانىيىتىگە ھەم جامائەت ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ مال - مۈلكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. لېكىن، قانۇن - ئىنتىزامنى ئوچۇقتىن - ئوچۇق مەنسىتمەي، ۋەھشىي، پەسكەش ۋاسىتىلەر بىلەن جامائەت تەرتىپىنى، جۈملىدىن جامائەت سورۇنى ۋە ئىجتىمائىي جامائەت تۇرمۇشىنىڭ تەرتىپىنى بۇزۇش، ئۇنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ.
جىنايى ئىشلار قانۇنىدا كۆرسىتىلگەن جامائەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان لۈكچەكلىك ھەرىكەتلىرىدىن <قىلمىشى قەبىھ> لۈكچەكلىك جىنايىتىگە توشىدۇ.
توپلىشىپ ئۇرۇشۇش دېگەندە، ئادەتتە شەخسىي ئۆچ ئېلىش، زومىگەرلىكنى تالىشىش مۇددىئاسى ۋە باشقا لۈكچەكلىك مۇددىئالىرى بىلەن گۇرۇھ، توپ بولۇۋېلىپ ئۇرۇشۇپ، كۆپ ھاللاردا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
ئاياللارنى ھاقارەتلەش دېگەندە، ئادەتتە سەت، پەسكەش قىلىقلار ياكى زورلاش، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىلىرى بىلەن ئاياللار (جۈملىدىن نارەسىدە قىزلار) نى ھاقارەتلەش ۋە ئۇلارغا پەسكەشلىك قىلىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
ئىككىنچى، لۈكچەكلىك جىنايىتىدە جىنايەت ياكى جىنايەت ئەمەسلىكىنىڭ چەك - چېگرىسى قانداق پەرقلەندۈرۈلىدۇ؟
لۈكچەكلىك جىنايىتىدىكى جىنايەت ياكى جىنايەت ئەمەسلىكىنىڭ چەك - چېگراسىنى پەرقلەندۈرۈش، ئاساسلىقى لۈكچەكلىك جىنايىتى بىلەن ئادەتتىكى قانۇنغا خىلاپ لۈكچەكلىك قىلمىشىنى قاتتىق پەرقلەندۈرۈشكە باغلىق، قىلمىشنىڭ قەبىھ ياكى قەبىھ ئەمەسلىكى بولسا، لۈكچەكلىك جىنايىتىدىكى جىنايەت ياكى ئەمەسلىكىنىڭ چەك - چېگراسىنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى.
ئاياللارنى ھاقارەتلەش قىلمىشى قەبىھ بولغانلاردىن جىنايەتكە توشىدىغانلار؛
1. ئاياللارنىڭ كەينىگە كىرىۋېلىپ ۋە ئۇلارنى توسۇۋېلىپ، يامان تەسىر پەيدا قىلغانلار ياكى توپلىشىپ، تاياق - توقماق ئېلىپ ئاياللارنىڭ كەينىگە كىرىۋالغانلار ۋە ئۇلارنى توسۇۋالغانلار؛
2. جامائەت سورۇنلىرىدا ئاياللارنىڭ چېچىنى، كىيىم - كېچەكلىرىنى كۆپ قېتىم يوشۇرۇن كېسىۋەتكەن، ئاياللارغا چىرىتىدىغان نەرسىلەرنى چاچقان، پاسكىنا نەرسىلەرنى سۈركىگەن ياكى ئاياللارنى ھاقارەتلىگەن چاغدا يېنىك زەخىملەندۈرگەنلەر؛
3. جامائەت سورۇنلىرىدا ئاياللارغا قارىتىپ قەستەن جىنسىي ئەزاسىنى چىقارغان ياكى ئاياللارنى دىكىلىگەنلەردىن قايتا - قايتا تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرتمىگەنلەر؛
4. سەت قىلىقلار، زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىلىرى بىلەن كۆپ ئايالنى ھاقارەت قىلغانلار، ئاياللارغا پەسكەشلىك قىلغانلار ۋە مۇشۇنداق قىلىشقا ئۇچرىغان ئاياللار ئاز بولسىمۇ، ئاقىۋىتى ئېغىر بولغانلار، شۇنداقلا جامائەت سورۇنلىرىدا ئاياللارغا ئوچۇقتىن - ئوچۇق پەسكەشلىك قىلىپ جامائەتنىڭ نەپرىتىنى قوزغىغانلار.
ئومۇمەن، قىلمىشى لۈكچەكلىك جىنايىتىگە توشىدىغانلارغا، قانۇن بويىچە جىنايى جازا بېرىش كېرەك. لۈكچەكلىك جىنايىتىەە توشمىسىمۇ، ئادەتتىكى قانۇنغا خىلاپ لۈكچەكلىك قىلمىشى بولغانلار ياكى لۈكچەكلىك جىنايى قىلمىشى يېنىك بولغانلاردىن، جىنايى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ھاجەتسىز بولغانلارغا ئەھۋالغا قاراپ مەسئۇل تارماقلار ئامانلىقنى باشقۇرۇش بويىچە جازا بەرسە، ئۇلارنى ئەمگەك بىلەن تەربىيىلىسە ياكى باشقىچە بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.