UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتبۇلاڭچىلىق جىنايىتى

بۇلاڭچىلىق جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - ماللىرىنى بۇلىغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - مۇرەككەپ ئوبيېكت بولىدۇ، يەنى جامائەت ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ مال - مۈلۈككە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى جامائەت ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ نەرسىلىرىگە ئىگىدارلىق قىلغۇچى ۋە ئۇنى ساقلىغۇچى ياكى مۇھاپىزەت قىلغۇچىغا نەق مەيداندا زورلۇق قىلىش، تەھدىت سېلىش ياكى جىسمانىي جەھەتتىن مەجبۇرلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، نەرسىلەرنى بۇلاپ كېتىش ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى نەرسىلەرنى دەرھال چىقىرىپ كېتىشكە مەجبۇرلاش قىلمىشىنى سادىر قىلغان بولۇشى كېرەك. 3. سۇبېيكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 14 ياشقا توشقان، 16 ياشقا توشمىغانلار بۇ جىنايەتنى ئۆتكۈزسە، جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن بولغان، يەنى جامائەت ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ مال - مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ. 263 - ماددا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - ماللىرىنى بۇلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ: (1) ئۆيگە كىرىپ بۇلاڭچىلىق قىلغانلار؛ (2) ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىدە بۇلاڭچىلىق قىلغانلار؛ (3) بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنى بۇلىغانلار؛ (4) كۆپ قېتىم بۇلاڭچىلىق قىلغان ياكى بۇلاڭچىلىق سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولغانلار؛ (5) بۇلاڭچىلىق قىلىپ ئادەمنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛ (6) ھەربىي ۋە ساقچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ بۇلاڭچىلىق قىلغانلار؛ (7) قوراللىق بۇلاڭچىلىق قىلغانلار؛ (8) ھەربىي ئەشيالارنى ياكى خەۋپتىن، ئاپەتتىن، قىينچىلىقتىن قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنى بۇلىغانلار. 267 - ماددا قاتىللىق قورالى ئېلىپ يۈرۈپ تارتىۋالغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 263 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. 269 - ماددا ئوغرىلىق، ئالدامچىلىق، تارتىۋېلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەردىن ھارام مالنى يوشۇرۇش، تۇتۇشقا قارشىلىق كۆرسىتىش ياكى جىنايەت پاكىتلىرىنى يوقىتىۋېتىش ئۈچۈن نەق مەيداندا زورلۇق ئىشلەتكەن ياكى زورلۇق بىلەن تەھدىت سالغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 263 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. 289 - ماددا توپلىشى <ئۆرۈش، چېقىش، بۇلاش> بىلەن شۇغۇللىنىپ ئادمەنىڭ زەخىملىنىشى، مېيىپ بولۇشى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 234 -، 232 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - مېلىنى ۋەيران قىلغان ياكى بولىغانلىرى قايتۇرۇش، تۆلەشكە بۇيرۇلغاندىن سىرت، باش ئۇنسۇرلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 263 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. 17 - ماددا 16 ياشقا توشقانلار جىنايەت ئۆتكۈزسە، جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 41 ياشقا توشۇپ، 16 ياشقا توشمىغانلار قەستەن قاتىللىق قىلىش، قەستەن يارىلاندۇرۇپ ئېغىر زەخىملەندۈرۈش ياكى ئۆلتۈرۈپ قويۇش، باسقۇنچىلىق قىلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىش، زەھەرلىك بۇيۇملارنى ئېلىپ - سېتىش، ئوت قويۇش، پارتلىتىش، زەھەر سېلىش جىنايەتلىرىنى ئۆتكۈزسە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 14 ياشقا توشۇپ، 18 ياشقا توشمىغانلار جىنايەت ئۆتكۈزسە يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدۇ. 16 ياشقا توشمىغانلىقى ئۈچۈن جىنايى جازا بېرىلمىگەنلەر ئاتا - ئانىسىنىڭ ياكى ۋەسىيلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا بۇيرۇلىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، ئۇلارنى ھۆكۈمەت يىغىۋېلىپ تەربىيىلىسىمۇ بولىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۆمۈريول قانۇنى (1990 - يىل 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى) 65 - ماددا 1 - تارماق پويىز ئىچىدە يولۇچىلارنىڭ مال - مۈلكىنى بولىغانلار، يولۇچىلارغا زىيان - زەخمەت يەتكۈزگەنلەرگە جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەت بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇلاڭچىلىق دېلوسىنى قاراپ چىقىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى (2000 - يىل 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى) بۇلاڭچىلىق جىنايى ھەرىكەتلىرىنى قانۇن بويىچە جازالاش ئۈچۈن، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، بۇلاڭچىلىق جىنايىتىگە قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشتىكى بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك ئىزاھات بېرىمىز: 1 - ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 263 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن <ئۆيگە كىرىپ بۇلاڭچىلىق قىلىش> بۇلاڭچىلىق قىلمىشى سادىر قىلىش ئۈچۈن باشقىلار تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان سىرتقى دۇنيا بىلەن نىسپىي ئايرىلىپ تۇرىدىغان تۇرالغۇ ئۆي، جۈملىدىن يېپىق ھالەتتىكى ھويلا، قورۇ، چارۋىچىلار چېدىرى، بېلىقچىلار ئائىلە تۇرمۇش ئورنى، سورۇنى قىلىدىغان بېلىقچىلىق كېمىسى، تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن ئىجارە ئېلىنغان ئۆي قاتارلىقلاردا بۇلاڭچىلىق قىلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆيگە كىرىپ بۇلاڭچىلىق قىلىشقا قارىتا، بايقىۋېلىنغانلىقى ئۈچۈن شۇ مەيداندىلا زورلۇق ئىشلىتىش ياكى زورلۇق ئىشلىتىپ، تەھدىت سېلىش مەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى ئۆيگە كىرىپ بۇلاڭچىلىق قىلىش دەپ بېكىتىش كېرەك. 2 - ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 263 - ماددىسىنىڭ 2 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن <ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىدا بۇلاڭچىلىق قىلىش> يولۇچى توشۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تۈرلۈك ئاممىۋى ئاپتوموبىل، ئوتتۇرا تىپتىكى كىرا ئاپتوموبىلى، پويىز، كېمە، ئايروپىلان قاتارلىق توشۇش، تىجارەت ئۈستىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدا يولۇچىلار، شوپۇرلار، بېلەت ساتقۇچىلار، ئاپتوبۇس، پويىز، كېمە، ئايروپىلان خادىملىرىنى بۇلاشنى، ھەم سەپەر ئۈستىدە كېتىۋاتقان ماتورلۇق ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى توسۇۋالغاندىن كېيىن، ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىدىكى خادىملارنى بۇلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 3 - ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 263 - ماددىسىنىڭ 3 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن <بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنى بۇلاش> بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ تىجارەت مەبلىغى، قىممەتكە ئىگە بېلىتى ۋە خېرىدارلارنىڭ مەبلىغى قاتارلىقلارنى بۇلاشنى كۆرسىتىدۇ. ئىشلىتىلىۋاتقان بانكا يكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ پۇل توشۇش ئاپتوموبىلىنى بۇلاش <بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپارتىنى بۇلاش> قا كىرىدۇ. 4 - ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 263 - ماددىسىنىڭ 4 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن <بۇلاڭچىلىق سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولۇش> نىڭ ئۆلچىمىنى بېكىتىشتە، جايلار بېكىتكەن ئوغرىلىق جىنايىتى سوممىسى غايەت كۆپ بولۇشنى بېكىتىش ئۆلچىمىدىن پايدىلانسا بولىدۇ. 5 - ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 263 - ماددىسىنىڭ 7 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن <قوراللىق بۇلاڭچىلىق قىلىش> قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ قورال - ياراغ ئىشلىتىپ ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ئىلكىدە بولغان، ئېلىپ يۈرگەن قورال - ياراغنى كۆرسىتىپ بۇلاڭچىلىق قىلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. <قورال - ياراغ> دېگەن ئۇقۇم ۋە ئۇنىڭ دائىرىسىگە <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قورال - ياراغ باشقۇرۇش قانۇنى> دىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. 6 - ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 267 - ماددىسىنىڭ 2 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن <قاتىللىق قورالىنى ئېلىپ يۈرۈپ تاشلىۋېتىش> قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ قورال - ياراغ، پارتلاتقۇچ، تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋاب قاتارلىق دۆلەت ئېلىپ يۈرۈشنى مەنئى قىلغان قوراللارنى ئېلىپ يۈرۈپ تارتىۋېلىش ياكى جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن باشقا قوراللارنى ئېلىپ يۈرۈپ تارتىۋېلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇلاڭچىلىق قىلىش جەريانىدا قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلولىرىنىڭ خاراكتېرىنى قانداق بېكىتىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەستىق جاۋابى (2001 - يىل 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى) شاڭخەي شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە: مەھكىمەڭلەرنىڭ ش ي س (2000) 117 - نومۇرلۇق <بۇلاڭچىلىق قىلىش جەريانىدا قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلولىرىنىڭ خاراكتېرىنى قانداق بېكىتىش مەسىلىسى توغرىسىدا يوليورۇق سوراش دوكلاتى> دىن ۋاقتىپ بولدۇق، مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بېرىمىز: قىلمىشچى مال - مۈلۈك بۇلاش ئۈچۈن ئالدىن پىلانلاپ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ قارشىلىقىنى توساش ئۈچۈن قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا، بۇلاڭچىلىق قىلىش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىلىپ جازالىنىدۇ. قىلمىشچى بۇلاڭچىلىق قىلغاندىن كېيىن، سىرنى بىلگۈچىنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش ئۈچۈن قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا، بۇلاڭچىلىق جىنايىتى ۋە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىلىپ، بىرقانچە تۈرلۈك جىنايەت قوشۇلۇپ جازالىنىدۇ. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئوغرىلاش، بۇلاش دېلولىرىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى، دۆلەت سودا - سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشى 1998 - يىل 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى مەزكۇر كىتابنىڭ 290 - بېتىدىن پايدىلىنىڭ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت