UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتجازا كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش، ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشتا نەپسانىيەتچىلىك قىلىش جىنايىتى

جازا كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش، ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشتا نەپسانىيەتچىلىك قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ئەدلىيە خادىملىرىدىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ جازا كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش، ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسىنى كېمەيتكەن، ئۇلارنى شەرتلىك قويۇپ بەرگەن ياكى ئۇلارنىڭ جازاسىنى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ جىنايەتچىلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ ئۆزگەرتىش پائالىيىتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە جازا كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش ياكى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن جىنايەتچىنىڭ جازاسىنى كېمەيتكەن، ئۇلارنى شەرتلىك قويۇپ بەرگەن ياكى ئۇلارنىڭ جازاسىنى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئەدلىيە خادىملىرى بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە پەقەت قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 401 - ماددا ئەدلىيە خادىملىرىدىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، جازانى كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش، ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسىنى كېمەيتكەن، ئۇلارنى شەرتلىك قويۇپ بەرگەن ياكى ئۇلارنىڭ جازاسىنى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى) (1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى) تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش كېرەك؛ 1( جازا ئىجرا قىلغۇچى ئورگان خادىملىرى پاكىت ئويدۇرۇپ، ماتېرىيال توقۇپ چىقىپ، جازا كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش، جازا ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشقا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان جىنايەتچىنى جازا كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش، جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشقا قانۇنغا خىلاپ ھالدا يوللىغان بولسا؛ 2) خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە تۈرمە باشقۇرۇش ئورگىنى، شۇنىڭدەك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى خادىملىرى يۈز - خاتىرە قىلىپ، شەخسىي مەنپەئىتىنى دەپ جازا كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش، جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان جىنايەتچىنىڭ جازاسىنى كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش، جازاسىنى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش ئىلتىماسىغا بىنائەن، جازانى كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش، جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش ھەققىدە قانۇنغا خىلاپ ھالدا كېسىم، قارار چىقارغان بولسا؛ 3( جازا كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش، جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش، كېسىم ياكى قارار چىقىرىش ھوقۇقى بولمىغان ئەدلىيە خادىملىرى ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، يۈز - خاتىرە قىلىپ، شەخسىي مەنپەئەتنى دەپ ئالاقىدار ماتېرىيال توقۇپ چىقىپ، جازا كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش، جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان جىنايەتچىنىڭ جازاسىنى كېمەيتىش، ئۇنى شەرتلىك قويۇپ بېرىش، جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشقا سەۋەبچى بولغان بولسا؛ 4) قانۇنغا خىلاپ ھالدا جازا كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش، جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشقا دائىر باشقا قىلمىشلار بولسا. 1. <چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى (1) ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق رەسمىيەت بېجىرىپ بەرگەن ياكى بىر قېتىمدا ئۈچتىن ئارتۇق ئادمنىڭكىنى بېجىرىپ بەرگەن بولسا؛ (2) ئېغىر جىنايى ئىشلار جىنايەتچىسىگە جازا كېمەيتىش، شەرتلك قويۇپ بېرىش، جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەرگەن بولسا. 2. <پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى (1) بەش قېتىمدىن ئارتۇق رەسمىيەت بېجىرىپ بەرگەن ياكى بىر قېتىمدا بەشتىن ئارتۇق ئادەمنىڭكىنى بېجىرىپ بەرگەن بولسا؛ (2) پەۋقۇلئاددە ئېغىر جىنايى ئىشلار جىنايەتچىسىگە جازا كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش، جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەرگەن بولسا.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت