نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىك جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى مەمۇرىي خادىملاردىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، قانۇن بويىچە ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغان دېلولارنى ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن، ئېغىر بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىشتىكى نورمال پائالىيىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، قانۇن بويىچە ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغان دېلولارنى ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن ئېغىر بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى مەمۇرىي خادىملار بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
402 - ماددا نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، قانۇن بويىچە ئەدلىيە ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن قانۇن ئىجرا قىلغۇچى مەمۇرىي خادىملاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى)
(1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى)
تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا، دېلو ئېچىش كېرەك؛
1) قانۇن بويىچە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى، ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالى بولغان جىنايەت دېلولىرىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن بولسا؛
2) جىنايەت دېلوسىنى ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن ياكى بىر قېتىمدا ئۈچتىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارى چېتىشلىق بولغان جىنايەت دېلوسىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن بولسا؛
3) ئەدلىيە ئورگىنى سەزگەن ھەمدە پىكىر بەرمىگەندىن كېيىن، ئورۇنلۇق سەۋەبى بولماي تۇرۇپ يەنىلا ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن بولسا؛
4) جەرىمانىنى جازانىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، جىنايەت گۇماندارىنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىپ، جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىشىغا سەۋەبچى بولسا؛
5) مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماقنىڭ مەسئۇل رەھبىرى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى توسقان بولسا؛
6) دەلىل - ئىسپاتلارنى يوشۇرۇپ، يوقىتىۋېتىپ، ماتېرىيال توقۇپ چىقىپ، جىنايى ئىشلار دېلوسىنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن بولسا؛
7) بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارنىڭ ئۆز ئورنىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، جىنايى ئىشلار دېلوسىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىك قىلمىشى ئېغىر بولسا؛
8) قىلمىشى ئېغىر بولغان باشقا ئەھۋاللار بولسا.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخسىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى)
1. <چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
(1) جىنايەت گۇماندارىغا قانۇن بويىچە بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىش ئېھتىمالى بار ئېغىر جىنايى ئىشلار دېلوسىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن بولسا؛
(2) جىنايەت دېلوسىنى بەش قېتىمدىن ئارتۇق ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن ياكى بىر قېتىمدا بەشتىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارىغا چېتىلىدىغان جىنايەت دېلوسىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن بولسا؛
(3) جەرىمانىنى جىنايى جازانىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، جىنايەت گۇماندارىنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىپ، ئۇنىڭ داۋاملىق جىنايى ئىشلار جىنايىتى ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەبچى بولسا.
2. <پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
(1) جىنايەت گۇماندارىغا قانۇن بويىچە 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى، ئۆلۈم جازاسى بېرىلىش ئېھتىمالى بار پەۋقۇلئاددە چوڭ جىنايى ئىشلار دېلوسىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن بولسا؛
(2) جىنايەت دېلوسىنى يەتتە قېتىمدىن ئارتۇق ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن ياكى بىر قېتىمدا يەتتىدىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارىغا چېتىلىدىغان جىنايەت دېلوسىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن بولسا؛
(3) جەرىمانىنى جىنايى جازانىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، جىنايەت گۇماندارىنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىپ، جىنايەت گۇماندارىنىڭ داۋاملىق ئېغىر جىنايى ئىشلار جىنايىتى ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەبچى بولسا.