UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتئۇرۇش مەزگىلىدە ئاھالىلەرگە زىيان - زەخمەت يەتكۈزۈش ۋە ئاھالىلەرنىڭ پۇل - مېلىنى تالان - تاراج قىلىش جىنايىتى

ئۇرۇش مەزگىلىدە ئاھالىلەرگە زىيان - زەخمەت يەتكۈزۈش ۋە ئاھالىلەرنىڭ پۇل - مېلىنى تالان - تاراج قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ھەربىيلەرنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەربىي ھەرىكەت رايونىدا بىگۇناھ ئاھالىلەرگە زىيان - زەخمەت يەتكۈزگەن ياكى بىگۇناھ ئاھالىلەرنىڭ پۇل - مېلىنى تالان - تاراج قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - ئارمىيىمىزنىڭ ئۇرۇش قىلىش مەنپەئىتى ۋە ئىناۋىتى ھەم ھەربىي ھەرىكەت رايونىدىكى بىگۇناھ ئاھالىلەرنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى ۋە مال - مۈلۈك ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئۇرۇش مەزگىلىدە، ھەربىيلەر ھەربىي ھەرىكەت رايونىدىكى بىگۇناھ ئاھالىلەرگە زىيان - زەخمەت يەتكۈزۈگەن ياكى بىگۇناھ ئاھالىلەرنىڭ پۇل - مېلىنى تالان - تاراج قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ھەربىي ۋەزىپىدىكى خادىملار بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 446 - ماددا ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەربىي ھەرىكەت رايونىدا بىگۇناھ ئاھالىلەرگە زىيان - زەخمەت يەتكۈزگەنلەرگە ياكى بىگۇناھ ئاھالىلەرنىڭ پۇل - مېلىنى تالان - تاراج قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت