نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەرتىپىنى بۇزۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - قانۇن بويىچە قاماققا ئېلىنغان قاماققا ئېلىنغان جىنايەتچىلەر، جاۋابكارلار ۋە جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ قامالغان، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلۇۋاتقان ئورۇنلاردىن قېچىپ كېتىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبېيكتى - ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ نورمال باشقۇرۇش پائالىيىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى قامىلىپ تۇرۇۋاتقان ئورۇنلاردىن قاچقان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولىدۇ، پەقەت قاماپ تۇرۇلغان جىنايەتچىلەر، جاۋابكارلار، جىنايەت گۇماندارلىرىلا بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ، يەنى داۋاملىق قامىلىپ تۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
316 - ماددا 1 - تارماق قانۇن بويىچە قاماققا ئېلىنغان جىنايەتچىلەر، جاۋابكارلار ۋە جىنايەت گۇماندارلىرىدىن قېچىپ كەتكەنلىرىگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرمە قانۇنى
(1994 - يىلى 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى)
59 - ماددا جىنايەتچى جازا ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزسە، قانۇن بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.