UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتقورالنى يوقىتىپ قويۇپ مەلۇم قىلماسلىق جىنايىتى

قورالنى يوقىتىپ قويۇپ مەلۇم قىلماسلىق جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ھۆكۈمەت ئىشى ئۈچۈن قانۇن بويىچە قورال بېرىلگەن خادىملاردىن قورالىنى يوقىتىپ قويۇپ، ۋاقتىدا مەلۇق قىلماي ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - جامائەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەتنىڭ قورال - ياراغلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ھۆكۈمەت ئىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قورالنى يوقىتىپ قويۇپ ۋاقتىدا مەلۇم قىلماي، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبېيكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولىدۇ، پەقەتلار ھۆكۈمەت ئىشى ئۈچۈن قانۇن بويىچە قورال بېرىلگەن خادىملار بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ قورالىنى يوقىتىپ قويۇشى سەۋەنلىكتىن بولىدۇ. 129 - ماددا ھۆكۈمەت ئىشى ئۈچۈن قانۇن بويىچە قورال بېرىلگەن خادىملاردىن قورالىنى يوقىتىپ قويۇپ ۋاقتىدا مەلۇم قىلماي، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قورال - ياراغ باشقۇرۇش قانۇنى 44 - ۋە 46 ماددىلارنى مەزكۇر كىتابنىڭ 50 -، 51 - بېتىدىن پايدىلىنىڭ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
قورالنى يوقىتىپ قويۇپ مەلۇم قىلماسلىق جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki