UyghurWiki›422 جىنايەت›ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان ئۈسكۈنىلەرنى سەۋەنلىك بىلەن بۇزۇش جىنايىتى
ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان ئۈسكۈنىلەرنى سەۋەنلىك بىلەن بۇزۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - سەۋەنلىك بىلەن ئېلېكتر، يېقىلغۇ گاز ياكى باشقا ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان ئۈسكۈنىلەرنى ۋەيراق قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جامائەتنىڭ خەۋپسىزلىكى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىك بىلەن ئىشلىتىلىۋاتقان ئېلېكتر، يېقىلغۇ گاز ياكى باشقا ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان ئۈسكۈنىلەرنى ۋەيران قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
119 - ماددا قاتناش ۋاسىتىلىرى، قاتناش ئەسلىھەلىرى، ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى يېقىلغۇ گاز ئۈسكۈنىلىرىگە، ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان ئۈسكۈنىلىرى بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتلەرنى سەۋەنلىك بىلەن ئۆتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.