ئۇرۇش مەزگىلىدە ئۆزىنى زەخىملەندۈرۋېلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ھەربىيلەرنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدە ياكى ھەربىي قىسىم ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئۇرۇش سەپەرۋەرلىكى ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ئۆزىنى زەخىملەندۈرۋېلىپ، ھەربىي مەجبۇرىيەتتىن باش تارتقان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ھەربىي ۋەزىپىدىكى خادىملارنىڭ ئۇرۇش قىلىش مەجبۇرىيىتى ۋە ھەربىي قوشۇننىڭ ئۇرۇش تەرتىپى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئۇرۇش مەزگىلىدە پىچاق، تاپانچا ياكى باشقا قوراللارنى ئىشلىتىپ ئۆزىنى يارىلاندۇرۇپ، جىسمانىي ساغلاملىقىغا زىيان سالغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ھەربىيلەر بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
434 - ماددا ئۇرۇش مەزگىلىدە ئۆزىنى زەخىملەندۈرۈۋېلىپ ھەربىي مەجبۇرىيەتتىن باش تارتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.