دۆلەت ئىلكىدىكى ئارخىپنى تارتىۋېلىش، ئوغرىلاش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - دۆلەت ئىلكىدىكى ئارخىپنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشنى مەقسەت قىلىپ، ئارخىپ باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ تەييارلىقسىز تۇرغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ تارتىۋېلىش ياكى مەخپىي ئوغرىلاش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ئارخىپلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەت ئىلكىدىكى ئارخىپلارنى تارتىۋېلىش، ئوغرىلاش قىلمىشىنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
329 - ماددا دۆلەت ئىلكىدىكى ئارخىپنى تارتىۋالغان ۋە ئوغرىلىغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئارخىپ قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ئارخىپنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ساتقان ۋە ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىلمىشى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا جىنايەتلەرگە توشىدىغانلارغا ئېغىرراق جازا كېلىدىغان بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.