UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتبالىلارغا پەسكەشلىك قىلىش جىنايىتى

بالىلارغا پەسكەشلىك قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - 14 ياشقا توشمىغان بالىلارغا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتىن باشقا پەسكەش ھەرىكەتلەر بىلەن يېقىنلىشىپ، قۇچاقلاپ باغرىغا بېسىش، سۆيۈش قاتارلىق ھەرخىل پەسكەش قىلمىشلارنى ئۆتكۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - بالىلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىق ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى بالىلارغا پەسكەشلىك قىلىش قىلمىشنى ئېلىپ بارغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ، ئوغۇللار، قىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن بولغان ھەم بالىلارغا پەسكەشلىك قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شەھۋانىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە بولغان بولىدۇ. 237 - ماددا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى ۋە باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئاياللارنى زورلاپ، ئۇلارغا پەسكەشلىك قىلغان ياكى ھاقارەت قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى توپلىشىپ ياكى جامائەت سورۇنلىرىد ئوچۇق - ئاشكارا ئۆتكۈزگەنلەرگە بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. بالىلارغا پەسكەشلىك قىلغانلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت