UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتشەھۋانىي بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى

شەھۋانىي بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - تاموژنىغا ئائىت قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، پايدا تېپىش ياكى تارقىتىش مەقسىتىدە قانۇنسىز ھالدا توشۇش، ئېلىپ يۈرۈش، پوچتىدىن ئەۋەتىش ئارقىلىق شەھۋانىي كىتاب - ژۇرنال، كىنو فىلىمى، سىنئالغۇ - ئۈنئالغۇ لېنتىسى، سۈرەت ياكى باشقا شەھۋانىي بۇيۇملارنى چېگرادىن ئېلىپ كىرگەن، ئېلىپ چىققان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ تاشقى سودىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىچىدىكى دۆلەتنىڭ شەھۋانىي بۇيۇملارنى ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىشنى مەنئىي قىلىش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە تاموژنىغا ئائىت قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، قانۇنسىز ھالدا توشۇش، ئېلىپ يۈرۈش، پوچتىدىن ئەۋەتىش ئارقىلىق شەھۋانىي بۇيۇملارنى چېگرادىن ئېلىپ كىرگەن، ئېلىپ چىققان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 152 - ماددا پايدا تېپىش ياكى تارقىتىش مەقسىتىدە شەھۋانىي كىنو فىلىمى، سىنالغۇ - ئۈنئالغۇ لېنتىسى، سۈرەت، كىتاب - ژۇرنال ياكى باشقا شەھۋانىي بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئورۇنلاردىن ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 115 - ماددا، 156 - ماددا ۋە 157 - ماددا 2 - تارماق قاتارلىق مەزمۇنلارنى مەزكۇر كىتابنىڭ 78 - بېتىدىن پايدىلىنىڭ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
شەھۋانىي بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki