UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەت- جەرىمانە قويۇلغان، مۇسادىرە قىلىنغان پۇل - ماللارنى شەخسىي بۆلۈشۈۋېلىش جىنايىتى

- جەرىمانە قويۇلغان، مۇسادىرە قىلىنغان پۇل - ماللارنى شەخسىي بۆلۈشۈۋېلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ئەدلىيە ئورگانلىرى، قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەتكە تاپشۇرىدىغان جەرىمانە قويۇلغان، مۇسادىرە قىلىنغان پۇل - ماللارنى ئورۇن نامىدا كوللېكتىپ ھالدا شەخسىي بۆلۈشۈۋېلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەت مۈلكىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىدىن ئىبارەت. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئورۇننىڭ نامىدا كوللېكتىپ ھالدا شەخسلەرگە بۆلۈپ بېرىش قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئەدلىيە ئورگانلىرى، قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى مەمۇرىي ئورگانلار بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 396 - ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت مۈلكىنى ئورۇن نامىدا كوللېكتىپ ھالدا شەخسىي بۆلۈشۈۋالغان دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلىرى ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىدىن سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئەدلىيە ئورگانلىرى، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى مەمۇرىي ئورگانلاردىن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەتكە تاپشۇرىدىغان جەرىمانە، مۇسادىرە پۇل - ماللىرىنى ئورۇن نامىدا كوللېكتىپ ھالدا شەخسىي بۆلۈشۈۋالغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي جازا قانۇنى (1996 - يىل 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى) 53 - ماددا قانۇن بويىچە كۆيدۈرۈۋېتىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قانۇن بويىچە مۇسادىرە قىلىنغان قانۇنسىز مال - مۈلۈكنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كىمئارتۇق قىلىپ ئاشكارا سېتىش ياكى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى شەرت. جەرىمانىنى، مۇسادىرە قىلىنغان قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنى ياكى مۇسادىرە قىلىنغان قانۇنسىز مال - مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ ساتقان پۇلنى دۆلەت خەزىنىسىگە تولۇق ئۆتكۈزۈشى شەرت. ھەرقانداق مەمۇرىي ئورگان ياكى شەخسنىڭ ئۇنى ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن تۇتۇپ قېلىشىغا، بۆلۈشۈۋېلىشىغا ياكى باشقا شەكىل بىلەن بۆلۈشۈۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ مالىيە تارمىقىنىڭ جەرىمانىنى، مۇسادىرە قىلىنغان قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنى ياكى مۇسادىرە قىلىنغان قانۇنسىز مال - مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ ساتقان پۇلنى جازا قارارىنى چىقارغان مەمۇرىي ئورگانغا ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن قايتۇرۇپ بېرىشكە يول قويۇلمايدۇ. 58 - ماددا مەمۇرىي ئورگان جەرىمانىنى، مۇسادىرە قىلىنغان قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنى ياكى پۇل - مالنى تۇتۇپ قالغان، بۆلۈشۈۋالغان ياكى باشقا شەكىل بىلەن بۆلۈشۈۋالغان بولسا، مالىيە تارمىقى ياكى ئالاقىدار تارماقلار سۈرۈشتە قىلىپ تاپشۇرغۇزىدۇ. بىۋاسىتە باشقۇرغۇچى مەسئۇل خادىمغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملاردىن خىزمەت ۋەزىپىسى جەھەتتىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلاردىن پۇل - مال ئۈندۈرۈۋالغان ياكى قوبۇل قىلغان، ئالغان، جەرىمانىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلارنىڭ قىلمىشى جىنايەتكە توشسا، جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. قىلمىشى يېنىك بولۇپ جىنايەتكە توشمىسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى 198 - ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارنىڭ تۇتۇپ قېلىنغان ۋە توڭلىتىلغان پۇل - ماللىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆسۈمىنى كېيىن تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئوبدان ساقلىشى لازىم. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئىشلىتىۋېلىشىغا ياكى ئۆز ئالدىغا نېرى - بېرى قىلىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ قانۇنىي مال - مۈلكى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىلىشى لازىم. چەكلەنگەن بۇيۇملار ياكى ئۇزاققىچە ساقلىغىلى بولمايدىغان بۇيۇملارنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. دەلىل - ئىسپات قىلىپ ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرنى دېلوغا قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش لازىم. ئۆتكۈزۈپ بەرگىلى بولمايدىغانلىرىنىڭ تىزىملىكى ۋە سۈرىتىنى ياكى ئىسپات بولىدىغان باشقا ھۆججەتلەرنى دېلوغا قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، تۇتۇپ قېلىنغان، توڭلىتىلغان، زاڭ پۇل، زاك مال ھەم ئۇنىڭ ئۆسۈمىنىڭ قانۇن بويىچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇلغاندىن باشقىلىرى بىردەك مۇسادىرە قىلىنىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ. تۇتۇپ قېلىنغان، توڭلىتىلغان زاڭ پۇل، زاڭ مال ۋە ئۇنىڭ ئۆسۈمىنى خىيانەت قىلغان، ئىشلىتىۋالغان ياكى ئاستىرتتىن نېرى - بېرى قىلىۋەتكەن ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە چارە كۆرۈلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىملىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى) (1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى) جەرىمانە قويۇلغان، مۇسادىرە قىلىنغان پۇل - ماللارنى شەخسىي بۆلۈشۈۋېلىش جىنايىتىدە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋال بولسا دېلو ئېچىش كېرەك؛ جەمئىي 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قىممەتتىكى جەرىمانە قويۇلغان، مۇسادىرە قىلىنغان پۇل - ماللارنى بۆلۈشۈۋالغانلارغا دېلو ئېچىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت