UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتچېگرا تاختىسى، چېگرا قوزۇقىنى بۇزۇۋېتىش جىنايىتى

چېگرا تاختىسى، چېگرا قوزۇقىنى بۇزۇۋېتىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - بۇزۇۋېتىش، ئوغرىلاش، چۇۋۇۋېتىش، ئورنىدىن قوزغىتىۋېتىشتەك ۋاسىتىلەر بىلەن چېگرا تاختىسى، چېگرا قوزۇقىنى بۇزۇۋېتىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەت چېگراسىنى نورمال باشقۇرۇش تەرتىپى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى بۇزۇۋېتىش، ئوغرىلاش، چۇۋۇۋېتىش، ئورنىدىن قوزغىتىۋېتىشتەك ۋاسىتىلەر بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا تاختىسى، چېگرا قوزۇقىنى بۇزۇۋېتىش قىلمىشىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبېيكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 323 - ماددا دۆلەت چېگراسىدىكى چېگرا تاختىسى، چېگرا قوزۇقى ياكى مەڭگۈلۈك ئۆلچەش بەلگىلىرىنى قەستەن بۇزۇۋەتكەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ دۆلەت چېگراسىنى باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى دېلوسى ئۈستىدە دېلو تۇرغۇزۇش ئۆلچىمى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش (2000 - يىل 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى) 1. دېلو تۇرغۇزۇش ئۆلچىمى 7) چېگرا بەلگىسى، چېگرا قوزۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش دېلوسى (1) ئوغرىلىۋېلىش، بۇزۇۋېتىش، چۇۋۇۋېتىش، كۆمۈپ قويۇش، يۆتكىۋېتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ دۆلەت چېگراسىدىكى چېگرا بەلگىسى، چېگرا قوزۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىقلەش كېرەك. (2) ئۈچتىن ئارتۇق چېگرا بەلگىسى، چېگرا قوزۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان ياكى ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار ئۈستىدە زور دېلو قاتارىدا دېلو تۇرغۇزۇش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
چېگرا تاختىسى، چېگرا قوزۇقىنى بۇزۇۋېتىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki