UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتدەلىل - ئىسپاتلارنى يوقىتىۋېتىش، ئويدۇرۇپ چىقىشقا ياردەم بېرىش جىنايىتى

دەلىل - ئىسپاتلارنى يوقىتىۋېتىش، ئويدۇرۇپ چىقىشقا ياردەم بېرىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دەۋالاشقۇچىلارنى دەلىل - ئىسپاتلارنى يوقىتىۋېتىش، ئويدۇرۇپ چىقىشقا كۈشكۈرتكەن، ياردەم بەرگەن قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەت ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ نورمال دەۋا پائالىيىتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەلىل - ئىسپاتلارنى يوقىتىۋېتىشى، ئويدۇرۇپ چىقىشىغا ياردەم بەرگەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 307 - ماددا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش، پارا بېرىپ سېتىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان ياكى باشقىلارنى يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە كۈشكۈرتكەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەلىل - ئىسپاتلارنى يوقىتىۋېتىشى، ئويدۇرۇپ چىقىشىغا ياردەم بەرگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئەدلىيە خادىملىرىدىن ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى سادىر قىلغانلىرىغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى> 45 - ماددا، 47 - ماددىلارنى <يالغان گۇۋاھلىق بېرىش جىنايىتى> دىن پايدىلىنىڭ (مەزكۇر كىتابنىڭ 377 - بېتىگە قاراڭ).
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت