UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتبۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدە كان ئېچىش جىنايىتى

بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدە كان ئېچىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - قېزىلما بايلىق قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قېزىلما بايلىقنى بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدە ئېچىپ، ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ قېزىلما بايلىقلارنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قېزىلما بايلىقلارنى بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدە ئېچىپ، قېزىلما بايلىقلارنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 343 - ماددا 2 - تارماق قېزىلما بايلىق قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قېزىلما بايلىقنى بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدە ئېچىپ، ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. 346 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 338 - ماددىدىن 345 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافنىڭ ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كان بايلىقلىرى قانۇنى (1986 - يىل 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى) 44 - ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كان بايلىقلىرىنى بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى ئېچىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئېچىش نەتىجىسىدە ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلاردىن زىيان تۆلىتىۋېلىنىدۇ ۋە ئۇلارغا جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنىڭ كان ئېچىشقا رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى يىغىۋېلىنسىمۇ بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت