قانۇنسىز ھالدا پۇل مۇئامىلە تالونى، ئىسپارتى بېرىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىدىن بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارغا كرېدىت گۇۋاھنامىسى ياكى باشقا كاپالەت خېتى، چەك، ھۆججەت، پۇل ئامانەت تالونى، مەبلەغ ئىناۋىتى ئىسپاتى بېرىپ چوڭراق زىيان پەيدا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ باشقىلارغا كرېدىت گۇۋاھنامىسى ياكى باشقا كاپالەت خېتى، چەك - ھۆججەت، پۇل ئامانەت تالونى، مەبلەغ ئىناۋىتى ئىسپاتى بەرگەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت، يەنى بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ھەم خىزمەتچى خادىملىرى بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
188 - ماددا بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىدىن بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارغا كرېدىت گۇۋاھنامىسى ياكى باشقا كاپالەت خېتى، چەك - ھۆججەت، پۇل ئامانەت تالونى، مەبلەغ ئىناۋىتى ئىسپاتى بېرىپ، چوڭراق زىيان پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ زور زىيان پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىدىن بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارغا كرېدىت گۇۋاھنامىسى ياكى باشقا كاپالەت خېتى، چەك - ھۆججەت، پۇل ئامانەت تالونى، مەبلەغ ئىناۋىتى ئىسپاتى بېرىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:
1) شەخسلەردىن بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ باشقىلارغا پۇل مۇئامىلە تالونى، ئىسپاتى بېرىپ، 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛
2) ئورۇنلاردىن بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ باشقىلارغا پۇل مۇئامىلە تالونى، ئىسپاتى بېرىپ، 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلار.