UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتدۈشمەنگە تەسلىم بولۇپ ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى

دۈشمەنگە تەسلىم بولۇپ ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش مەقستىدە دۈشمەنگە تەسلىم بولغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتۇرلۇقىدىكى ھاكىميەت ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈم بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۈشمەنگە تەسلىم بولۇپ، ئاسىيلىق قىلىش قىلمىشنى ئېلىپ بېرىشتا ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكتىپ بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 108 - ماددا دۈشمەنگە تەسلىم بولۇپ ئاسىيلىق قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ياكى قوراللىق قىسىم خادىملىرى، خەلق ئەسكەرلىرىنى باشلاپ دۈشمەنگە تەسلىم بولۇپ ئاسىيلىق قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. 113 - ماددا بۇ بابتا ئېيتىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايەتلىرىدىن 103 - ماددىنىڭ 2 - تارمىقىدا، 105 -، 107 - ۋە 109 - ماددىلاردا كۆرسىتىلگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دۆلەتكە ۋە خەلققە يەتكۈزگەن خەۋپى پەۋقۇلئاددە ئېغىر، قىلمىشى پەۋقۇلئاددەت قەبىھ بولغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلسە بولىدۇ. مۇشۇ بابتا ئېيتىلغان جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى قوشۇمچە بېرىلسە بولىدۇ. 56 - ماددا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن جىنايەتچىلەر قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ؛ قەستەن قاتىللىق قىلىش، باسقۇنچىلىق قىلىش، ئوت قويۇش، پارتلىتىش، زەھەر سېلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىشقا ئوخشاش قىلمىشلار بىلەن جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغان جىنايەتچىلەر قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنسا بولىدۇ. سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسىنى ئايرىم بېرىشتە، مۇشۇ قانۇننىڭ خاس پرىنسىپىدىكى بەلگىلىمىلەر ئاساس قىلىنىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى (1993 - يىل 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى) 4 - ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە پۇقرا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارسا، جەزمەن قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. بۇ قانۇندا ئېيتىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەر چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار، شەخسلەر ئېلىپ بارغان ياكى ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى، ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشى بىلەن باشقىلار ئېلىپ بارغان ياكى چېگرا ئىچىدىكى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار، شەخسلەر بىلەن ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ ئېلىپ بارغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنى كۆرسىتىدۇ: (4) دۆلەت خادىملىرىنى ئاسىيلىق قىلىشقا قۇترىتىش، ئازدۇرۇش، ئۆزىگە تارتىش؛
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت