ھەربىي ھەرىكەتلەرگە توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ھەربىيلىك سالاھىيىتى يوق كىشىلەرنىڭ زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش يولى بىلەن ياكى يېتىۋېلىش، جىم ئولتۇرۋېلىش، توساق قۇرۇش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە باشقا ۋاسىتىلەر بىلەن قوراللىق قىسىملارنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قەستەن توسقۇنلۇق قىلىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - قوراللىق قىسىملارنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى ۋە دۆلەت مەنپەئەتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ ھەرخىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، قوراللىق قىسىملارنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلغان قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
368 - ماددا 2 - تارماق قوراللىق قىسىملارنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.