UyghurWiki›422 جىنايەت›قان ئېلىش، قان بىلەن تەمىنلەش، قان پلازمىسى ياسالمىلىرىنى تەييارلاش ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەمىنلەشتە ھادىسە پەيدا قىلىش جىنايىتى
قان ئېلىش، قان بىلەن تەمىنلەش، قان پلازمىسى ياسالمىلىرىنى تەييارلاش ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەمىنلەشتە ھادىسە پەيدا قىلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - قان ئېلىش، قان بىلەن تەمىنلەشتە دۆلەتنىڭ مەسئۇل تارمىقى تەرىپىدىن تەستىقلانغان تارماقلار بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرمەي ياكى مەشغۇلاتقا دائىر باشقا بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ تەن سالامەتلىكىگە زىيانلىق ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ قان ۋە قان پلازمىسى ياسالمىلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مۇئەييەن بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھاياتى، ساغلاملىق ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرمەي قان ئالغان، قان بىلەن تەمىنلىگەن ياكى قان ئېلىش، قان بىلەن تەمىنلەش، قان پلازمىسى ياسالمىلىرىنى تەييارلاش ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەمىنلەش جەريانىدا باشقا مەشغۇلات بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ تەن سالامەتلىكىگە زىيانلىق ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولىدۇ، يەنى چوقۇم دۆلەتنىڭ مەسئۇل تارمىقى تەرىپىدىن تەستىقلانغان قان ئېلىش، قان بىلەن تەمىنلەش ياكى قان پلازمىسى ياسالمىلىرىنى تەييارلاش، تەمىنلەش تارماقلىرى بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
334 - ماددا 2 - تارماق قان ئېلىش، قان بىلەن تەمىنلەش ياكى قان پلازمىسى ياسالمىلىرىنى تەييارلاش ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەمىنلەشتە دۆلەتنىڭ مەسئۇل تارمىقى تەرىپىدىن تەستىقلانغان تارماقلار بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرمەي ياكى مەشغۇلاتقا دائىر باشقا بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ تەن سالامەتلىكىگە زىيانلىق ئاقىۋەتنى پەيدا قىلغان بولسا، شۇ ئورۇنغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.