UyghurWiki›422 جىنايەت›مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى ياكى يوقىلىشىغا سەۋەبچى بولۇش جىنايىتى
مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى ياكى يوقىلىشىغا سەۋەبچى بولۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى ياكى يوقىلىشىغا سەۋەبچى بولغانلاردىن ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش، قوغداش ئورگانلىرىنىڭ نورمال پائالىيىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش، قوغداش خىزمىتىدە ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىنى، يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبېيكت بولىدۇ، يەنى دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
419 - ماددا ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلرىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەبچى بولغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى)
(1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى)
تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش كېرەك؛
1) دۆلەتنىڭ 1 -، 2 -، 3 - دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى ياكى يوقىلىشىغا سەۋەبچى بولسا؛
2) مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنى ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەبچى بولغان بولسا.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى)
1. <چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
(1) دۆلەتنىڭ بىردىن ئارتۇق 1 - دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى ياكى يوقىلىشىغا سەۋەبچى بولسا؛
(2) دۆلەتنىڭ ئۈچتىن ئارتۇق 2 - دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى ياكى يوقىلىشىغا سەۋەبچى بولسا؛
(3) دۆلەتنىڭ بەشتىن ئارتۇق 3 - دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى ياكى يوقىلىشىغا سەۋەبچى بولسا؛
(4) ئۆلكە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇشىغا سەۋەبچى بولسا.
2. <پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
(1) دۆلەتنىڭ ئۈچتىن ئارتۇق 1 - دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى ياكى يوقىلىشىغا سەۋەبچى بولسا؛
(2) دۆلەتنىڭ بەشتىن ئارتۇق 2 - دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى ياكى يوقىلىشىغا سەۋەبچى بولسا؛
(3) دۆلەتنىڭ 10 دىن ئارتۇق 3 - دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىغا ياكى يوقىلىشىغا سەۋەبچى بولسا؛
(4) مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇشىغا سەۋەبچى بولسا.