UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتيۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى

يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ A تىپتىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەبچى بولغان ياكى تارقىلىش ئېغىر خەۋپىنى پەيدا قىلغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشنى باشقۇرۇش تەرتىپى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، A تىپتىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەبچى بولغان ياكى تارقىلىش ئېغىر خەۋپىنى پەيدا قىلغان قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي ئادەم ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 330 - ماددا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلاردىن ئارخىپتىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەبچى بولغانلار ياكى تارقىلىش ئېغىر خەۋپىنى پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ: (1) سۇ بىلەن تەمىنلىگۈچى ئورۇنلاردىن ئىچىملىك سۈيى دۆلەت بەلگىلەنگەن تازىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىرى؛ (2) ساقلىقنى ساقلاش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاپپاراتى ئوتتۇرىغا قويغان تازىلىق تەلىپىنى رەت قىلىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ قوزغاتقۇچىلىرىدىن بۇلغانغان پاسكىنا سۇ، يۇندا ۋە گەندە - سۈيدۈكلەرنى دېزىنفېكسىيە قىلمىغانلار؛ (3) يۇقۇملۇق كېسىلى بارلار، تېنىدە كېسەل قوزغاتقۇچىسى بولغانلار ۋە يۇقۇملۇق كېسىى بارلىقىدىن گۇمان بار كىشىلەرنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى شۇغۇللىنىش مەنئى قىلىنىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن، شۇ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى ئاسانلا تارقىتىدىغان خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلغان ۋە يول قويغانلار؛ (4) ساقلىقنى ساقلاش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاپپاراتى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى بويىچە ئوتتۇرىغا قويغان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلار. ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. A تىپتىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ دائىرىسى <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى> ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە بىنائەن بېكىتىلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى (1989 - يىل 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى) 3 - ماددا بۇ قانۇندا باشقۇرۇلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر A تىپلىق، B تىپلىق ۋە C تىپلىققا بۆلۈنىدۇ. A تىپلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دېگەندە، چۇما بىلەن خولېرا كۆزدە تۇتۇلىدۇ. گوۋۇيۈەن ئەھۋالغا قاراپ A تىپلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تۈرىنى كۆپەيتسە ياكى ئازايتسا ۋە ئۇنى ئېلان قىلسا بولىدۇ؛ گۇۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئەھۋالغا قاراپ B، C تىپلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تۈرىنى كۆپەيتسە ياكى ئازايتسا ۋە ئۇنى ئېلان قىلسا بولىدۇ. 35 - ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھۆكۈمەتلەرنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىۋېلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا جەرىمانە قويسىمۇ بولىدۇ؛ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىپ كېتىش خەۋپىنى پەيدا قىلغانلار بولسا، سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشىغا مەلۇم قىلىدۇ. (1) سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورۇنلار تەمىنلىگەن ئىچىدىغان سۇ دۆلەت بەلگىلىگەن تازىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولمىسا؛ (2) ساقلىقنى ساقلاش - يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاپپاراتلىرى ئوتتۇرىغا قويغان تازلىق تەلىپى بويىچە يۇقۇملۇق كېسەللىك قوزغاتقۇچىلار بىلەن بۇلغانغان يۇندا، پاسكىنا نەرسە، چوڭ - كىچىك تەرەتلەرنى دېزىنفېكسىيە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشنى رەت قىلغان بولسا؛ (3) يۇقۇملۇق كېسەل بولغان ئادەملەر، كېسەللىك مىكروبىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر ۋە يۇقۇملۇق كېسىلى بار دەپ گۇمان قىلىنغانلارغا گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى شۇغۇللىنىش مەنئى قىلىنىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن يۇقۇملۇق كېسەلنى ئاسانلا تارقىتىدىغان خىزمەتنى قىلىشقا رۇخسەت قىلغان ياكى يول قويغان بولسا؛ (4) ساقلىقنى ساقلاش - يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇشۇ قانۇن بويىچە ئوتتۇرىغا قويغان باشقا ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغان بولسا. 37 - ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 35 - ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، A تىپلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىغا ياكى تارقىلىش ئېغىر خەۋپى تۇغۇلۇشقا سەۋەبچى بولغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 178 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت