UyghurWiki›422 جىنايەت›پوچتا يوللانمىلىرى ۋە تېلېگراممىلارنى ئۆز مەيلىچە ئېچىش، تىقىۋېلىش، يىرتىپ تاشلىۋېتىش جىنايىتى
پوچتا يوللانمىلىرى ۋە تېلېگراممىلارنى ئۆز مەيلىچە ئېچىش، تىقىۋېلىش، يىرتىپ تاشلىۋېتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - پوچتا خادىملىرىدىن خىزمىتىدىكى قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ پوچتا يوللانمىلىرىنى، تېلېگراممىلارنى ئۆز مەيلىچە ئاچقان، يوشۇرۇپ قويغان، يىرتىپ تاشلىۋەتكەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ پوچتا خەت - ئالاقە باشقۇرۇش پائالىيىتى ۋە پۇقرالارنىڭ خەت - ئالاقە ئەركىنلىك ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى خىزمىتىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ پوچتا يوللانمىلىرى ۋە تېلېگراممىلارنى ئۆز مەيلىچە ئاچقان، يوشۇرۇپ قويغان، يىرتىپ تاشلىۋەتكەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - پوچتا خىزمەتچى خادىملىرى بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
253 - ماددا پوچتا خادىملىرىدىن پوچتا يوللانمىلىرىنى ۋە تېلېگراممىلارنى ئۆز مەيلىچە ئاچقان ياكى تىقىۋالغان، يىرتىپ تاشلىۋەتكەنلىرىگە ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزۈپ، پۇل - مال ئوغرىلىغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 426 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاستە قوبۇل قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقىغا، جىسمانىي ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش دېلولىرىدا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
(1989 - يىل 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى)
ئون ئالتىنچى، پوچتا - تېلېگراف ئىشلىرىغا دەخلى - يەتكۈزۈشكە ئائىت دېلولار (جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 191 - ماددىسى).
پوچتا - تېلېگراف خادىملىرىدا خىزمىتىدىكى قۇلايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، خەت - خالتىلار ۋە تېلېگراممىلارنى ئۆز مەيلىچە ئاچقان ياكى يوشۇرۇپ قويغان، يىرتىپ تاشلىۋەتكەن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە دېلو ئېچىش كېرەك:
1. خەت - خالتىلار ۋە تېلېگراممىلارنى ئۆز مەيلىچە ئاچقان ياكى يوشۇرۇپ قويغان، يىرتىپ تاشلىۋەتكەن قېتىم سانى بىر قەدەر كۆپ ياكى مىقدارى بىر قەدەر زور بولسا؛
2. خەت - خالتىلارنى ئۆز مەيلىچە ئېچىپ ياكى يوشۇرۇپ قويۇپ، يىرتىپ تاشلىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى پۇل ۋە نەرسىلەرنى ئوغرىلىغان بولسا؛
3. خەت - خالتىلار ۋە تېلېگراممىلارنى ئۆز مەيلىچە ئېچىپ ياكى يوشۇرۇپ قويۇپ، يىرتىپ تاشلىۋېتىپ، دۆلەتنىڭ ۋە كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتىگە ھەمدە پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلسا؛
4. خەت - خالتىلار ۋە تېلېگراممىلارنى ئۆز مەيلىچە ئېچىپ ياكى يوشۇرۇپ قويۇپ، يىرتىپ تاشلىۋېتىپ، باشقا زىيانلىق ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلسا.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پوچتا قانۇنى
(1986 - يىل 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى)
37 - ماددا 1 - تارماق پوچتا خادىملىرى پوچتا يوللانمىلىرىنى ئۆز مەيلىچە ئاچسا، يوشۇرسا ياكى يىرتىپ تاشلىسا، ئۇلارنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 191 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.