ھۆكۈم - كېسىمنى ئىجرا قىلىشتا ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
ئەدلىيە خادىملىرىدىن ھۆكۈم - كېسىملەرنى ئىجرا قىلىشتا ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، دەۋادا ئامان ساقلاش، مەجبۇرلاش تەدبىرىنى قانۇنسىز ئىشلىتىپ دەۋالاشقۇچىلار ياكى باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان قىلمىشقا قارىتىلغان.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ نورمالنى پائالىيىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئەدلىيە خادىملىرىدىن ھۆكۈم - كېسىملەرنى ئىجرا قىلىشتا ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، دەۋادا ئامان ساقلاش، مەجبۇرلاش تەدبىرىنى قانۇنسىز ئىشلىتىپ، دەۋالاشقۇچىلار ياكى باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان قىلمىشتا ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولىدۇ، يەنى دۆلەتنىڭ ئەدلىيە خادىملىرى بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
399 - ماددا 3 - تارماق، 4 - تارماق ھۆكۈم - كېسىمنى ئىجرا قىلىشتا ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ياكى ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، قانۇن بويىچە دەۋادا ئامان ساقلاش تەدبىرىنى قوللانماي، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىجرا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي ياكى قانۇنغا خىلاپ ھالدا دەۋادا ئامان ساقلاش، مەجبۇرىي ئىجرا قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىپ دەۋالاشقۇچىلار ياكى باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ دەۋالاشقۇچىلار ياكى باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى پەۋقۇلئاددە زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئەدلىيە خادىملىرىدىن پارىخورلۇق قىلىپ قانۇننى بۇزۇپ، ئالدىنقى ئۈچ تارماقتىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇشۇ قانۇننىڭ 385 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتنىمۇ شەكىللەندۈرگەنلەر ئېغىرراق جازا بېرىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازالىنىدۇ.