يالغان پۇل سېتىش، سېتىۋېلىش، توشۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - يالغان پۇل ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقان، سېتىۋالغان ياكى تۇشۇغانلاردىن پۇلنىڭ مىقدارى كۆپرەك بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ پۇل باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە يالغاندىن ياسالغان پۇللارنى ساتقان، سېتىۋالغان، توشىغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە پەقەت قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
171 - ماددا 1 - تارماق يالغان پۇلنى ساتقان، سېتىۋالغان ياكى يالغان پۇل ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ توشۇغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
يالغان پۇل ساتقان، سېتىۋالغان ياكى يالغان پۇل ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ توشۇغانلاردىن سوممىسى 4000 يۈەندىن ئارتۇق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈپ ئەيىبلىنىدۇ.