UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتباج ئوغرىلاش جىنايىتى

باج ئوغرىلاش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - باج تاپشۇرغۇچىلار ۋە تۇتۇۋېلىپ تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى بولغان كىشىلەردىن قەستەن باج باشقۇرۇش قانۇن بەلگىلىمىلىرگە خىلاپلىق قىلىپ، ھېسابات دەپتىرى، ھېساباتقا خاتىرىلەش دوكۇمېنتلىرىنى ياساش، ئۆزگەرتىپ ياساش، يوشۇرۇش، يوقىتىۋېتىش، چىقىمنى كۆپ خاتىرىلەش، كىرىمنى خاتىرىلىمەسلىك، ئاز خاتىرىلەش، كىرىمنى مەلۇم قىلىشنى رەت قىلىش، تاپشۇرىدىغان باجنى يالغان مەلۇم قىلىش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ باج پۇلىنى تاپشۇرمىغان، ئاز تاپشۇرغارن ياكى تۇتۇۋېلىپ تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى بولغان كىشىلەردىن تۇتۇۋېلىنغان، يىغىۋېلىنغان باج سوممىسىنى تاپشۇرمىغان، ئاز تاپشۇرغان، قىلمىشى ئېغىر بولغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ باج ئېلىش، باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە باج تاپشۇرغۇچىلار ۋە تۇتۇۋېلىپ تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى بولغان كىشىلەر دۆلەتنىڭ باج تاپشۇرۇش قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئالداش، يوشۇرۇش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باجنى تاپشۇرمىغان ياكى ئاز تاپشۇرغان، ياكى تۇتۇۋېلىپ تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى بولغان كىشىلەردىن تۇتۇۋېلىنغان. يىغىۋېلىنغان باج پۇلىنى تاپشۇرمىغان ياكى ئاز تاپشۇرغان ھەم قىلمىشى ئېغىر بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. كونكرېت تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، دۆلەتنىڭ باج باشقۇرۇش قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغان بولۇش؛ ئىككىنچى، ئالداش، يوشۇرۇش ۋاسىتىلىرىنى قوللانغان بولۇش؛ ئۈچىنچى، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باجنى تاپشۇرمىغان ياكى ئاز تاپشۇرغان بولۇش؛ تۆتىنچى، قىلمىشى ئېغىر بولۇش، يەنى كونكرېت ئېلىپ ئېيتقاندا، ئوغرىلىغان باج سوممىسى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسىنىڭ ئون پىرسەنتىدىن يۇقىرى بولغان ھەمدە ئوغرىلىغان باج سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغان. باج ئوغرىلغانلىقى ئۈچۈن باج ئورگانلىرى ئىككى قېتىم مەمۇرىي جازا بەرگەندىن كېيىن يەن باج ئوغرىلىغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولىدۇ، يەن باج تاپشۇرغۇچىلار ۋە تۇتۇۋېلىپ تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى بولغان كىشىلەرلار بۇ جىنايەتنىڭ سۇبيېكتى بولالايدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 201 - ماددا باج تاپشۇرغۇچىلاردىن ھېسابات دەپتىرى، ھېساباتقا خاتىرىلەش دوكۇمېنتلىرىنى ياساش، ئۆزگەرتىپ ياساش، يوشۇرۇپ قويۇش، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يوقىتىۋېتىش، ھېسابات دەپتىرىدە چىقىمنى كۆپ خاتىرىلەش ياكى كىرىمنىە خاتىرىلىمەسلىك، ئاز خاتىرىلەش، باج ئورگانلىرى مەلۇم قىلىشنى ئوقتۇرۇش قىلغان بولسىمۇ، مەلۇم قىلىشنى رەت قىلىش ياكى تاپشۇرىدىغان باجنى يالغان مەلۇم قىلىش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغان، 100 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە ياكى باج ئوغرىلىغانلىقى ئۈچۈن باج ئورگانلىرى ئىككى قېتىم مەمۇرىي جازا بەرگەن تۇرۇپ يەنە باج ئوغرىلىغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ئوغرىلىغان باج سوممىسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئوغرىلىغان باج سوممىسى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسىنىڭ 30% ىدىن يۇقىرى ھەمدە ئوغرىلىغان باج سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ئوغرىلغان باج سوممىسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. باجنى ۋاكالىتە تاپشۇرغۇچىلاردىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، تۇتۇپ قالغان، ئېلىنغان باج پۇلىنى تاپشۇرمىغان ياكى ئاز تاپشۇرغانلاردىن سوممىسى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسىنىڭ %10 ىدىن يۇقىرى ھەمدە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ئالدىنقى ئىككى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنى كۆپ قېتىم سادىر قىلغانلاردىن بىر تەرەپ قىلىنمىغانلىرىنىڭ سوممىسى يىغىندى سوممىسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. 211 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافنىڭ 201 - ماددا، 203 - 204 -، 207 - 208 - 920 - ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا شۇ ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 212 - ماددا مۇشۇ پاراگرافتىكى 201 - ماددىدىن 205 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، جەرىمانە جازاسى، مال - مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بېرىلگەنلەرنىڭ جازاسى ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى، باج ئورگانلىرى ئۇلارغا باج پۇلىنى ۋە ئالداپ ئېلىۋالغان ئېكسپورت باج قايتۇرما پۇلىنى ئالدى بىلەن تاپشۇرغۇزىدۇ. 204 - ماددا باج تاپشۇرغۇچىلاردىن باج پۇلىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، تاپشۇرغان باج پۇلىنى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئالدامچىلىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئېلىۋالغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 201 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ، ئالداپ ئېلىۋالغان باج پۇلىنىڭ تاپشۇرغان باج پۇلىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) باج تاپشۇرغۇچىلاردىن باج ئوغرىلاپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: 1) ئوغرىلىغان باج سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولغان ھەمدە ئوغرىلىغان باج سوممىسى ھەرخىل باجلار ئىچىدىكى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسىنىڭ %10 ىدىن يۇقىرى بولغانلار؛ 2) يۇقىرىقى سومما ئۆلچىمىگە يەتمىگەن بولسىمۇ، باج ئوغرىلاپ ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق مەمۇرىي جازاغا ئۇچرىغان تۇرۇقلۇق، يەنە باج ئوغرىلىغانلار.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
باج ئوغرىلاش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki