ھەق تەلەپ، مەمۇرىي سوت پائالىيىتىدە ناھەق ھۆكۈم - كېسىم چىقىرىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ئەدلىيە خادىملىرىدىن ھەق تەلەپ، مەمۇرىي سوت پائالىيىتىدە پاكىت ۋە قانۇنغا قەستەن خىلاپلىق قىلىپ، ناھەق ھۆكۈم - كېسىم چىقىرىش ئەھۋالى ئېغىر بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبېيكتى - دۆلەت ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ نورمال پائالىيىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ھەق تەلەپ، مەمۇرىي سوت پائالىيىتىدە پاكىت ۋە قانۇغا قەستەن خىلاپلىق قىلىپ، قانۇننى بۇزۇپ ناھەق ھۆكۈم - كېسىم چىقىرىش ئەھۋالى ئېغىر بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئەدلىيە خادىملىرى بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
399 - ماددا نەپسانىيەتچىلىك ۋە يۈز - خاتىر قىلىپ قانۇننى بۇزۇپ، جىنايەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ جاۋابكارلىققا تارتقان، جىنايەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن قانات ئاستىغا ئېلىپ جاۋابكارلىققا تارتىلىشتىن ساقلاپ قالغان ياكى جىنايى ئىشلار سوت پائالىيىتىدە پاكىت ۋە قانۇنغا قەستەن خىلاپلىق قىلىپ ناھەق ھۆكۈم - كېسىم چىقارغان ئەدلىيە خادىملىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ھەق تەلەپ، مەمۇرىي سوت پائالىيىتىدە پاكىت ۋە قانۇنغا قەستەن خىلاپلىق قىلىپ ناھەق ھۆكۈم - كېسىم چىقارغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئەدلىيە خادىملىرىدىن پارىخورلۇق قىلىپ قانۇننى بۇزۇپ، ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇشۇ قانۇننىڭ 385 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتنىمۇ شەكىللەندۈرگەنلەر ئېغىرراق جازا بېرىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازالىنىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى)
(1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى)
تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا، دېلو ئېچىش لازىم؛
1) ناھەق ھۆكۈم - كېسىم چىقىرىپ، پۇقرالارنىڭ مال - مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقان ياكى قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مال - مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا؛
2) ناھەق ھۆكۈم - كېسىم چىقىرىپ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئۆلۈۋېلىشى، ئۆزىنى زەخىملەندۈرۈۋېلىشى، مېيىپ قىلىۋېلىشى، ئېلىشىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولغان بولسا؛
3) ئالاقىدار ماتېرىيال، دەلىل - ئىسپاتلارنى ياساپ، يالغان دېلو پەيدا قىلىپ، ناھەق ھۆكۈم - كېسىم چىقارغان بولسا؛
4) دەۋالاشقۇچىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ساختا ئىسپات ئويدۇرۇپ چىقىپ، دەلىل - ئىسپاتنى يوقىتىۋېتىپ ياكى سوت خاتىرىسىنى ئۆزگەرتىپ، ناھەق ھۆكۈم - كېسىم چىقارغان بولسا؛
5) قىلمىشى ئېغىر باشقا ئەھۋاللار بولسا.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى)
1. <چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
(1) ناھەق ھۆكۈم - كېسىم چىقىرىپ، پۇقرالارنىڭ مال - مۈلكىنى 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق زىيانغا ئۇچراتقان، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مال - مۈلكىنى 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق زىيانغا ئۇچراتقان بولسا؛
(2) ناھەق ھۆكۈم - كېسىم چىقىرىپ، داۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئېلىشىپ قېلىشى ياكى ئېغىر زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا.
2. <پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
(1) ناھەق ھۆكۈم - كېسىم چىقىرىپ، پۇقرالارنىڭ مال - مۈلكىنى 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق زىيانغا ئۇچراتقان، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مال - مۈلكىنى بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق زىيانغا ئۇچراتقان بولسا؛
(2) داۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئۆلۈۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا.
<نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇش جىنايىتى> نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىدىن پايدىلىنىڭ. (مۇشۇ كىتابنىڭ 560 - بېتىدىن 562 - بېتىگىچە)