قورال - جابدۇقنى تاشلىۋېتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ھەربىيلەرنىڭ بۇيرۇققا قارشى چىقىپ، قورال - جابدۇقلارنى ئۆز مەيلىچە تاشلىۋېتىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ھەربىي قوشۇننىڭ قورال - جابدۇقلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى بۇيرۇققا قارشى چىقىپ، قورال - جابدۇقنى تاشلىۋەتكەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ھەربىيلەر بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
440 - ماددا بۇيرۇققا قارشى چىقىپ، قورال - جابدۇقنى تاشلىۋەتكەنلەرگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ مۇھىم ياكى زور مىقداردىكى قورال - جابدۇقنى تاشلىۋەتكەنلەرگە ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.