يالغان پۇل ياساش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - دۆلىتىمىزنىڭ خەلق پۇلى ياكى چەت ئەل پۇلىدىكى نۇسخا، شەكىل، رەڭ قاتارلىقلارغا تەقلىد قىلىپ، ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ قانۇنسىز ھالدا يالغان پۇل ياساپ راست پۇل قىلىپ كۆرسەتكەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ پۇل باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە يالغان پۇل ياسىغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
170 - ماددا 1 - تارماق يالغان پۇل ياسىغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:
(1) يالغان پۇل ياساش گۇرۇھىدىكى باش ئۇنسۇرلار؛
(2) ياسىغان يالغان پۇلنىڭ مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغانلار؛
(3) باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلار.
171 - ماددا يالغان پۇل ياسىغان ھەمدە ساتقان ياكى توشۇغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 170 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
2000 يۈەندىن ئارتۇق ياكى پۇل مىقدارى 200 ۋاراق (تەڭگە) دىن ئارتۇق يالغان پۇل ياسىغانلار سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.