ئۇرۇش مەزگىلىدە بۇيرۇققا قارشىلىق كۆرسىتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ھەربىيلەرنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدە بۇيرۇققا قارشىلىق كۆرسىتىپ جەڭگە زىيان يەتكۈزگەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ھەربىي قىسىمنىڭ ئۇرۇش قىلىش مەنپەئىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئورۇشتا بۇيرۇققا قارشىلىق قىلىپ، ئۇرۇشتا ئېغىر ئاقىۋەت (زىيان) كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - بۇيرۇق ياكى كۆرسەتمىنى تاپشۇرۇۋالغان ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خادىملار بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
420 - ماددا ھەربىيلەرنىڭ مەسئۇلىيەتكە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ ھەربىي مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن، قانۇن بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك بولغان قىلمىشلىرى ھەربىيلەرنىڭ مەسئۇلىيەتكە خىلاپلىق قىلىش جىايىتى بولىدۇ.
421 - ماددا ئۇرۇش مەزگىلىدە بۇيرۇققا قارشىلىق كۆرسىتىپ، جەڭگە زىيان يەتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ جەڭ ۋە ئۇرۇشنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.