UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتتوپلىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلىش جىنايىتى

توپلىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ئادەم توپلاپ بىرلىكتە بۇزۇقچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا تەشكىللىگەن، پىلانلىغان، قوماندانلىق قىلغان ھەم توپلىشىپ پاھىشىۋازلىق قىلغان، كوللېكتىپ ھالدا پاھىشىۋازلىق قىلغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى جەمئىيەتنى باشقۇرۇش تەرتىپى ۋە ئىجتىمائىي قائىدە - يوسۇن بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە توپلىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئىككى خىل سۇبيېكت بىلەن چەكلىنىدۇ: بىرىنچى، توپلىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلىش پائالىيىتىدىكى باش ئۇنسۇرلار؛ ئىككىنچى، توپلىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلىش پائالىيىتىگە كۆپ قېتىم قاتناشقۇچىلارل 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 301 - ماددا 1 - تارماق توپلىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلغانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا ياكى بۇزۇقچىلىققا كۆپ قېتىم قاتناشقانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <نۆۋەتتە لۈكچەكلىك دېلولىرىنى بېجىرىش داۋامىدا، قانۇننى كونكرېت تەتبىق قىلىشقا دائىر بىرقانچە مەسىلە> گە بەرگەن جاۋابى (1984 - يىل 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى) (84) س ت 13 - نومۇرلۇق (مەزكۇر كىتابنىڭ 357 - بېتىدىكى <توپلىشىپ ئۇرۇشۇش جىنايىتى> دىن پايدىلىنىڭ)
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت