مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قەستەن بۇزۇۋېتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - دۆلەت قوغداۋاتقان قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ياكى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن ئورۇنلاردىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قەستەن بۇزغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى بۇزغان ياكى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى بۇزغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
324 - ماددا 1 - تارماق دۆلەت قوغداۋاتقان قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ياكى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن ئورۇنلاردىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قەستەن بۇزغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.