UyghurWiki›422 جىنايەت›دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكى، ئاخباراتنى چېگرا سىرتىدىكىلەرگە ئوغرىلاپ بېرىش، تىڭ تىڭلاپ بېرىش، سېتىپ بېرىش، قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بېرىش جىنايىتى
دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكى، ئاخباراتنى چېگرا سىرتىدىكىلەرگە ئوغرىلاپ بېرىش، تىڭ تىڭلاپ بېرىش، سېتىپ بېرىش، قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بېرىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكى، ئاخباراتنى چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار، شەخسلەرگ ئوغرىلاپ بەرگەن، تىڭ تىڭلاپ بەرگەن، سېتىپ بەرگەن، قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بەرگەن قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى (خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتۇرلۇقىدىكى ھاكىمىيەت ۋە سوتسىيالسىتىك تۈزۈم) بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكى، ئاخباراتنى چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار، شەخسلەرگە ئوغرىلاپ بېرىش، تىڭ تىڭلاپ بېرىش، سېتىپ بېرىش، قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بېرىش قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكتىپ بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
111 - ماددا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ياكى ئاخباراتنى چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرگە ئوغرىلاپ بەرگەن، تىڭ تىڭلاپ بەرگەن، سېتىپ بەرگەنلەرگە ۋە قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بەرگەنلەرگە بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
113 - ماددا بۇ بابتا ئېيتىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىكىگ خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايەتلىرىدىن 310 - ماددىنىڭ 2 - تارمىقىدا، 105 -، 107 - ۋە 109 - ماددىلاردا كۆرسىتىلگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دۆلەتكە ۋە خەلققە يەتكۈزۈگەن خەۋپى پەۋقۇلئاددە ئېغىر، قىلمىش پەۋقۇلئاددە قەبىھ بولغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلسە بولىدۇ. مۇشۇ بابتا ئېيتىلغان جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى قوشۇمچە بېرىلسە بولىدۇ.
287 - ماددا كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقى، ھۆكۈمەت پۇلىنى ئوغرىلاش، خىيانەت قىلىش، ئىشلىتىۋېلىش، دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش جىنايىتى ياكى باشقا جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەت بويىۋە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
56 ماددا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن جىنايەتچىلەر قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ؛ قەستەن قاتىللىق قىلىش، باسقۇنچىلىقى قىلىش، ئوت قويۇش، پارتلىتىش، زەھەر سېلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىشقا ئوخشاش قىلمىشلىرى بىلەن جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغان جىنايەتچىلەر قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنسا بولىدۇ.
سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسىنى ئايرىم بېرىشتە، مۇشۇ قانۇننىڭ خاس پرىنسىپىدىكى بەلگىلىمىلەر ئاساس قىلىنىدۇ
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇن
(1993 - يىل 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى)
4 - ماددا 1 - تارماق، 2 - تارماق (3) ھەرقانداق تەشكىلات ۋە پۇقرا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارسا جەزمەن قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەر چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار، شەخسلەر ئېلىپ بارغان ۋە ياكى ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشى بىلەن باشقىلار ئېلىپ بارغان ۋە ياكى چېگرا ئىچىدىكى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار، شەخسلەر بىلەن ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ ئېلىپ بارغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنى كۆرسىتىدۇ:
(3) دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش، تىڭ تىڭلاش، سېتىۋېلىش، باشقىلارغا قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بېرىش؛
23 - ماددا چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار، شەخسلەر ئېلىپ بارغان ياكى ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى، ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشى بىلەن باشقىلار ئېلىپ بارغان ۋە ياكى چېگرا ئىچىدىكى تەشكىلاتلار، شەخسلەر چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئېلىپ بارغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
25 - ماددا چېگرا سىرتىدا تەھدىتكە ئۇچراش ياكى باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن دۈشمەن تەشكىلاتلىرىغا قاتنىشىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرىغا ئەھۋالنى ئەينەن ئېيتقاندا ياكى ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن بىۋاستە ياكى ئۆزى تۇرۇشلۇق تەشكىل ئارقىلىق ئۆز ۋاقتىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا ئەھۋالنى ئەينەن مەلۇم قىلغانلار سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <ئىنتېرنېت تورى بىخەتەرلىكىگە ئائىت قاراى> ى
(2000 - يىلى 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى)
2. دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئۈچۈن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ جىنايەت سادىر قىلغانلار جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:
2) ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق دۆلەت مەخپىيەتلىكى، ئاخباراتىنى ياكى ھەربىي ئىشلار مەخپىيەتلىكىنى مەخپىي ئوغرىلىغان، ئاشكارىلىغانلار؛
ئالىي خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى، ئاخباراتىنى چېگرا سىرتىدىكىلەرگە ئوغرىلاپ بېرىش، تىڭ تىڭلاپ بېرىش، سېتىپ بېرىش، قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بېرىش دېلوسىغا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشتىكى بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(2001 - يىلى 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى)
دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى، ئاخباراتىنى چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرگە ئوغرىلاپ بېرىش، تىڭ تىڭلاپ بېرىش، سېتىپ بېرىش، قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بېرىش جىنايى ھەرىكىتنى قانۇن بويىچە جازالاپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بۇ خىلدىكى دېلولارنى قاراپ چىقىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشتىكى بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك ئىزاھات بېرىمىز:
1 - ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 111 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن <دۆلەت مەخپىيەتلىكى> دېگەندە <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قانۇنى> نىڭ 2 -، 8 - ماددىسى ۋە <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قانۇنى> نى يولغا قويۇش چارىسى> نىڭ 4 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 111 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن <ئاخبارات> دېگەندە، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان، تېخى ئاشكارا ئېلان قىلىنمىغان ياكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئاشكارىلاشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
دۆلەت مەخپىيەتلىكىدىن باشقا ئاخباراتنى چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرگە ئوغرىلاپ بېرىش، تىڭ تىڭلاپ بېرىش، سېتىپ بېرىش، قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بېرىش قىلمىشى ئاخباراتىنى چېگرا سىرتىغا ئوغرىلاپ بېرىش، تىڭ تىڭلاپ بېرىش، سېتىپ بېرىش، قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بېرىش جىنايىتى قاتارىدا جىنايەت بېكىتىلىپ جازالىنىدۇ.
2 - ماددا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ياكى ئاخباراتىنى چېگرا سىرتىغا ئوغرىلاپ بەرگەن، تىڭ تىڭلاپ بەرگەن، سېتىپ بەرگەن، قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بەرگەنلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلار <قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر> بولغانلارغا كىرىدۇ. ئۇلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشقا بولىدۇ؛
(1) دۆلەتنىڭ قەتئىي مەخپىي دەرىجىلىك مەخپىيىتىنى چېگرا سىرتىغا ئوغرىلاپ بەرگەن، تىڭ تىڭلاپ بەرگەن، سېتىپ بەرگەن، قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بەرگەن بولسا؛
(2) دۆلەت مەخپىيەتلىكىدىن ئۈچ تۈرلۈكتىن ئارتۇق مەخپىي دەرىجىلىك دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى چېگرا سىرتىغا ئوغرىلاپ بەرگەن، تىڭ تىڭلاپ بەرگەن، سېتىپ بەرگەن، قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بەرگەن، بولسا؛
(3) دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ياكى ئاخباراتىنى چېگرا سىرتىغا ئوغرىلاپ بېرىپ، تىڭ تىڭلاپ بېرىپ، سېتىپ بېرىپ، قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بېرىپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئىتىنى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان بولسا.
ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلىپ، دۆلەت ۋە خەلقنى پەۋقۇلئاددە ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلاردىن قىلمىشى پەۋقۇلئاددە قەبىھ بولغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە، قوشۇمچە مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشقا بولىدۇ.
3 - ماددا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ياكى ئاخباراتىنى چېگرا سىرتىغا ئوغرىلاپ بەرگەن، تىڭ تىڭلاپ بەرگەن، سېتىپ بەرگەن، قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بەرگەنلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنڭ بىرى بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشقا بولىدۇ:
(1) مەخپىي دەرىجىلىك دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى چېگرا سىرتىغا ئوغرىلاپ بەرگەن، تىڭ تىڭلاپ بەرگەن، سېتىپ بەرگەن، قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بەرگەن بولسا؛
(2) مەخپىي دەرىجىلىك دۆلەت مەخپىيەتلىكىدىن ئۈچنى چېگرا سىرتىغا ئوغرىلاپ بەرگەن، تىڭ تىڭلاپ بەرگەن، سېتىپ بەرگەن، قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بەرگەن بولسا؛
(3) دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ياكى ئاخباراتىنى چېگرا سىرتىغا ئوغرىلاپ بېرىپ، تىڭ تىڭلاپ بېرىپ، سېتىپ بېرىپ، قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بېرىپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئىتىنى باشقا ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان بولسا.
4 - ماددا مەخپىي دەرىجىلىك دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ياكى ئاخباراتىنى چېگرا سىرتىدىكىلەرگە ئوغرىلاپ بېرىش، تىڭ تىڭلاپ بېرىش، سېتىپ بېرىش، قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بېرىش <قىلمىش يېنىك> كە كىرىدۇ، ئۇلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، رېجىمغا ئېلىش ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنسا بولىدۇ.
5 - ماددا قىلمىش سادىر قىلغۇچى مەخپىيەتلىك دەرىجىسى كۆرسىتىلمىگەن ئىشلارنىڭ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولۇپ، چېگرا سىرتىغا ئوغرىلاپ بەرگەن، تىڭ تىڭلاپ بەرگەن، سېتىپ بەرگەن، قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بەرگەن بولسا، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 111 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى چېگرا سىرتىغا ئوغرىلاپ بېرىش، تىڭ تىڭلاپ بېرىش، سېتىپ بېرىش، قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارىدا جىنايەت بېكىتىپ جازالىنىدۇ.
6 - ماددا تۇتىشىپ كەتكەن تور ئارقىلىق دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ياكى ئاخباراتىنى چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرگە قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بەرگەنلەر جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 111 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازلىنىدۇ؛ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى تۇتىشىپ كەتكەن تور ئارقىلىق ئېلان قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 398 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىلىپ جازالىنىدۇ.
7 - ماددا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى چېگرا سىرتىغا ئوغرىلاپ بېرىش، تىڭ تىڭلاپ بېرىش، سېتىپ بېرىش، قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بېرىش دېلوسىنى قاراپ چىقىشتا، مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە كىرىدىغان - كىرمەيدىغانلىقى ۋە قايسى خىلدىكى مەخپىيەتلىككە كىرىدىغانلىقىنى باھالاشقا توغرا كەلسە، دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتى تارمىقى ياكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەردىكى مەخپىيەتلىكنى ساقلاش خىزمىتى تارمىقى باھالايدۇ.